- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئېلىمىزدە سەنئەت ساھەسىدە ماگىستىر تەربىيەلەش ئورنى 200 دىن ئاشتى
2016.05.23 15:47 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «گۈزەل سەنئەت لايىھەلەش كەسپى ئىلمىي ئۇنۋان ئاسپىرانتلار مائارىپ مۇنبىرى» يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، مۇخبىرنىڭ مۇنبەردىن ئىگىلىشىچە، 10 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ئېلىمىزنىڭ سەنئەت ساھەسىدە ماگىستىر تەربىيەلەش ئورنى ئەڭ دەسلەپكى 32 دىن ھازىرقى 200 دىن ئاشقان بولۇپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشمۇ دەسلەپكى مەملىكەت بويىچە بىرلەشمە ئىمتىھان ئېلىش، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن بىر دىپلومغا ئىگە بولۇش، خىزمەتتىن كېلىپ ئوقۇش ئۇسۇلىدىن تەرەققىي قىلىپ، مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش ئىمتىھان ئېلىنىدىغان، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن قوش دىپلوم ئالىدىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى تولۇق ئۆگىنىش تۈرى كۆپەيگەن.
2015-يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانى تەخمىنەن 50 مىڭغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە گۈزەل سەنئەت ماگىستىرلىق كەسپىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى 150 مىڭدىن ئاشقان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، گۈزەل سەنئەت ماگىستىر كەسپىي ئۇنۋانى 2005-يىلى تەستىقلىنىپ تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ مەقسىتى مۇزىكا، تىياتىر، ئەلنەغمە، كىنو، رادىيو-تېلېۋىزىيە، ئۇسسۇل، گۈزەل سەنئەت، سەنئەت لايىھەلەش ساھەسىدىكى ئالىي قاتلاملىق مەخسۇس ئىختىساسلىق خادىملارنى تەربىيەلەش ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر