باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

20 ئۆلكە ئىسلاھات لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىجتىمائىي، تەبىئىي پەنگە ئايرىش ئىمتىھان بېرىدىغان پەننى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى تاللاشقا ئۆزگەرتىلدى

2016.05.19 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. ھازىرغىچە، مەملىكەت بويىچە 20 ئۆلكە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىنى بەس-بەستە ئوتتۇرىغا قويدى. بايقىشىمىزچە، جايلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان ئىسلاھات لايىھەسىدە قىسمەن ئورتاق ئالاھىدىلىكلەر بار: يەنى ئىمتىھان تۈزۈمى جەھەتتە، ئىجىتمائىي، تەبئىي پەنگە ئايرىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، چەتئەل تىلىدىن بىر يىلدا كۆپ قېتىم ئىمتىھان ئېلىش ئومۇملاشقان؛ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى جەھەتتە:تولۇق كۇرسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈركۈمى تەدرىجىي بىرلەشتۈرۈلۈپ،<ئىككىنى ئاساس قىلىش، بىردىن پايدىلىنىش> تەك قوبۇل قىلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىپ، تۈرلۈك نومۇر قۇشۇپ بېرىش سىياسىتى ئازلىغان.

  «3+3» ئەندىزىسى ئارقىلىق ئىجىتمائىي، تەبئىي پەنگە ئايرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش

  2014-يىلى 9-ئايدا، گوۋۇيۈەن «ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ) نى تارقاتتى، بۇ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. «پىكىر» نىڭ تەلىپى بويىچە، مەملىكىتىمىزدىكى جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىنى بەس-بەستە ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكىسى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان پەنلىرى، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئومۇمىي زەنجىرسىمان ئىسلاھاتقا چېتىلىدۇ. نۆۋەتتە، 2014-يىلى، سىناق نۇقتا لايىھەسىنى يولغا قويۇشنى ئېلان قىلغان جېجياڭ، شاڭخەيدىن باشقا يەنە تيەنجىن، بېيجىڭ، چىڭخەي، جياڭسۇ، خەينەن، شىزاڭ، نىڭشيا، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، گەنسۇ، خېيلۇڭجياڭ، لياۋنىڭ، گۇيجۇ، خېبېي، شەندۇڭ، خۇنەن، گۇيجۇ، جياڭشى قاتارلىق 20 ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونۇم رايون ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى. جايلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرىسال ئىسلاھاتىنى 2014-يىلىدىن 2019-يىلىغىچە مەركەزلىك يولغا قويىدۇ.

  ئىجتمائىي، تەبئىي پەنلەرگە ئايرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، «3+3» ئىمتىھان ئەندىزىسىنى قوللىنىش، بۇ نۆۋەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدىكى كۆرۈنەرلىك زور ئۆزگىرىش. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي نومۇرى، تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، چەتئەل تىلى ئۈچ پەندىكى ئورتاق ئىمتىھان نومۇرى ۋە ئوقۇغۇچى ئۆزى تاللىغان ئۈچ پەننىڭ سەۋىيە سىناش دەرىجە ئىمتىھان نەتىجىسىدىن تەشكىللىنىدۇ. بۇ ئۈچ تاللىما ئىمتىھان پەنىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆپ قىسىم جايلار «ئالتىدىن ئۈچنى تاللاش» ئەندىزىسىنى قوللىنىدۇ، يەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى سىياسىي، تارىخ، جۇغراپىيە، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە قاتارلىق ئالتە پەندىن خالىغان ئۈچ پەننى تاللايدۇ. جېجياڭ يەنە «تېخنىكا (ھەممىباب تېخنىكا ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)» دەرسىنىمۇ قوشتى.

  ئىجىتمائىي، تەبئىي پەنگە ئايرىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلش ھالقىسىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. كۆپ قىسىم جايلار، ئالىي مەكتەپلەر تەربىيلەش تەلىپىگە ئاساسەن، دەرىجە ئىمتىھانى پەنلىرى ئىچىدىن، كەسىپ (تۈر) كە ئايرىپ تاللىما ئىمتىھان پەن دائىرىسىنى ئۆزى تاللىسا بولىدۇ، بىراق ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ پەندىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، دەپ بەلگىلىدى. ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ ئىچىدىكى خالىغان بىر پەننى قانائەتلەندۈرسىلا، « ئىمتىھان بېرىش شەرتىگە ماس كېلىدۇ» دەپ قارىلىدۇ. تاللىما ئىمتىھان پەنلىرىگە ئېھتىياجلىق ئالىي مەكتەپلەر جەزمەن جەمئىيەتكە ئالدىن ئاشكارلىشى كېرەك. پەن تەلىپى بولمىغان ئالىي مەكتەپلەرگە قارىتا، ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان بېرىشتە پەن چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر