باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى

2016.05.25 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىككى يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، «مائارىپنى ئالدىن راۋاجلاندۇرۇش» بايرىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ سېلىنمىسىنى مىسلىسىز ئاشۇرۇپ، مائارىپقا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىدا ئاللىقاچان زور بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ يەسلىگە كىرىش نىسبىتى % 72 كە يەتتى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مائارىپ تېز تەرەققىي قىلدى. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى%84كە ئۆستۈرۈلدى، ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى %79 كە يەتتى. ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 34 مىڭغا ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ ئوتتۇرا تېخنىكۇم كەسپىي سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 9900گە، جەنۇبىي شىنجاڭدىن شىمالىي شىنجاڭغىچە ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى 26 مىڭغا يەتتى. ئاپتونوم رايونىمىز بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ، جەنۇبىي شىنجاڭ بىلەن شىمالىي شىنجاڭنىڭ، يېزا مائارىپى بىلەن شەھەر مائارىپىنىڭ سۈپەت پەرقى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىدى، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ تەربىيە ئېلىش نىسبىتى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مائارىپ نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لياڭ چاۋ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان نېگىزلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك، ئۇللۇق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلۈپ، شىنجاڭچە مۇكەممەل مائارىپ سىستېمىسى شەكىللەندى، شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى، ئەڭ تېز بولغان مەزگىلى بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر