باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جىلىندا «ۋاقىتلىق ساقچى»لارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشى چەكلەندى

كىنىشكىسىز خادىملار داۋاملىق قانۇن ئىجرا قىلسا، شۇ ئورۇندىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ

2016.05.30 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ «ۋاقىتلىق ساقچىلار»نىڭ جىلىندا مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقى چەكلەندى. كېلەر ئايدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان «جىلىن ئۆلكىسىنىڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى»دە، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ توختاملىق ساقچى، ۋاقىتلىق ساقچى ۋە ئاممىۋىي پاراۋانلىق ئىش ئورۇنلىرىدىكى خادىملارغا قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسى تارقىتىش چەكلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار كىنىشكىسىز خادىملارنى داۋاملىق مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيەتلىرىگە ئورۇنلاشتۇرسا، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىملارغا مۇناسىپ جازا بېرىلىدىغانلىقى بەلگىلەندى.

  ئورۇنلارنىڭ ئىشتات سانى چەكلىك بولغانلىقتىن، ئاساسىي قاتلامدىكى مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىنىڭ ۋاقىتلىق ساقچىلارنى ئىشلىتىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك ساقلانماقتا. جىلىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قانۇن-تۈزۈم ئىشخانىسى تەمىنلىگەن ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، جىلىندا قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان توختاملىق ساقچى، ۋاقىتلىق ساقچى قاتارلىق ياردەمچى خادىملار ئاساسلىقى ج خ سىستېمىسىنىڭ ئاساسىي قاتلام ساقچىخانىلىرى، قاتناش ساقچى تارماقلىرى ۋە شەھەر باشقۇرۇش تارماقلىرىغا تارقالغان بولۇپ، تەخمىنەن %3.8نى ئىگىلەيدىكەن.

  چارىدە مۇنۇلار بەلگىلەندى: جىلىن ئۆلكىسىدە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرىدىكى ۋاقىتلىق ساقچىلارغا قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسى بېرىلمەيدۇ؛ قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملار قانۇن بىلىملىرىدىن تەربىيەلىنىشكە قاتنىشىپ، ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولغاندىلا، قانۇن ئىجرا قىلىش كىنىشكىسى بېرىلىپ، كىنىشكە بىلەن ئىش ئورنىغا چىقسا بولىدۇ ھەم قانۇن ئىجرا قىلغاندا چوقۇم تەشەببۇسكارلىق بىلەن كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ، سالاھىيىتىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. بولمىسا، مەمۇرىي قانۇن يۈرگۈزۈشكە ئۇچرىغان كىشىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشقا قارشى تۇرۇش ھوقۇقى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر