باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئىككىنچى قارارلىق فېنىل كېتون سىيگەكلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارغا بولغان ئالاھىدە سۈت پاراشوكى تولۇقلىمىسى تۈرىنى باشلىدى

2016.05.30 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 29-ماي بېيجىڭدا ئىككىنچى قارارلىق فېنىل كېتون سىيگەكلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارغا بولغان ئالاھىدە سۈت پاراشوكى تولۇقلىمىسى تۈرىنى باشلاپ چىڭخەي، ئىچكى موڭغۇل، جىلىن، لياۋنىڭ، شىنجاڭ، شەنشى، يۈننەن، گۈيجۇ، جياڭشى، خەينەن، گۇاڭشى قاتارلىق 11 تۈر نۇقتىسىدىكى 200 فېنىل كېتون سىيگەكلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارغا مۇددىتى ئۈچ يىللىق، تەركىبىدە فېنىل ئالانىن بولمىغان رېتسىپلىق سۈت پاراشوكىنى ھەقسىز تەمىنلەشنى باشلىدى.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، فېنىل كېتون سىيگەكلىك كېسەللىكى بىر خىل كۆپ كۆرۈلىدىغان ئامىنو كىسلاتا مېتابولىزم كېسىلى بولۇپ، فېنىل ئالانىن مېتابولىزم جەريانىدىكى ئېنزىمنىڭ كەمتۈكلۈكى سەۋەبلىك فېنىل ئالانىن تىروسىنغا ئايلىنالماي، فېنىل ئالانىن ۋە ئۇنىڭ كېتو كىسلاتاسى سۈيدۈك ئارقىلىق زور مىقتاردا چىقىپ كېتىپ، چوڭ مېڭە ھەم نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئەقلىي قۇۋۋەتنىڭ يېتىلىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاخىرىدا بالىنىڭ ئەقلىي قۇۋۋىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  جۇڭگودا فېنىل كېتون سىيگەكلىك كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى تەخمىنەن 10 مىڭدىن بىر ئەتراپىدا بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بالىلارنى تەكشۈرۈش فېنىل كېتون كېسەللىكىنى بالدۇر بايقاپ دېئاگنوز قويۇشنىڭ ھالقىسى.

  سۈنئىي ئىشلەنگەن ئالاھىدە يېمەكلىكلەرنى بىر ئۆمۈر يېگەندە، كۆپىنچە بىمارلارنىڭ ئەقلىي كۈچى زىيانغا ئۇچرىمىسىمۇ، بىراق قىممەتلىك ئالاھىدە يېمەكلىكلەرنى يېيىش ۋە ئۇزۇن مۇددەت داۋالىنىش كۆپىنچە بىمارلارنىڭ ئائىلىسىگە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.

  بۇ خىل ئالاھىدە بالىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، 2009-يىلى دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئانا-بالىلار ساغلاملىق مۇلازىمەت مەھكىمىسىنىڭ مەملىكەت بويىچە ئانا-بالىلار ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش ئىشخانىسى بىلەن كارخانىلار ھەمكارلىشىپ باشلىغان بىرىنچى قارارلىق فېنىل كېتون سىيگەكلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان بالىلارغا قارىتىلغان ئالاھىدە سۈت پاراشوكى تولۇقلىمىسى تۈرى 500 نەپەر فېنىل كېتون سىيگەكلىك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان يېڭى تۇغۇلغان نامرات ئائىلە بالىلىرىغا تەركىبىدە فېنىل ئالانىن بولمىغان رېتسىپلىق سۈت پاراشوكىنى ھەقسىز بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئالاھىدە يېمەكلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلغان ئىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر