باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەت بويىچە يەنە 73 ساختا ئالىي مەكتەپ ئاشكارىلاندى

ساختا ئالىي مەكتەپنى قانداق پەرقلەندۈرىمىز؟

2016.05.20 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالدىنقى كۈنى، ئەلئىچى مائارىپ مۇلازىمەت تۈرىدىكى «ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تورى» بەشىنچى تۈركۈم جۇڭگودىكى ساختا ئالىي مەكتەپلەردىن ئاگاھلاندۇرۇش تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. تىزىملىكتە 73 ساختا ئالىي مەكتەپ بار بولۇپ، 16 ئۆلكىگە چېتىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭدا 23 ساختا مەكتەپ بولۇپ، تەخمىنەن ئۈچتىن بىرىنى ئىگىلەپ، يەنە بىر قېتىم بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. بۇنىڭدىن باشقا شەندوڭدا سەككىز مەكتەپ، شاڭخەي ۋە سىچۇەندە يەتتىدىن مەكتەپ بار ئىكەن.

  ساختا ئالىي مەكتەپنى قانداق قىلىپ ئاسان پەرقلەندۈرۈۋالغىلى بولىدۇ؟

  نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ۋە ئائىلە باشلىقلىرى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تور بېكەتلىرى بىلەن ئانچە تونۇش ئەمەس، ۋاھالەنكى ساختا ئالىي مەكتەپ تورلىرى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ياسالغان، ئۇنداقتا بۇنى قانداق قىلىپ تېز سۈرئەتتە پەرقلەندۈرىمىز؟

  «ئالىي مەكتەپ ئوقۇش تورى»نىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالدى بىلەن تور بېكەت دائىرە نامى ئارقىلىق پەرقلەندۈرگىلى بولىدىكەن. كۆپ قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تور بېكىتى دائىرە نامىدا edu (ئېنگىلىزچە «مائارىپ» دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى) دېگەن ئۈچ ھەرپ بار ئىكەن، مۇنتىزىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تور دائىرە نامىدىكى edu مۇستەقىل ئىكەن، چېكىت ئارقىلىق ئالدى-كەينى بىلەن ئايرىلىپ تۇرىدىكەن، ئەگەر edu ئالدى ۋە كەينىدىكى ھەرپلەر بىلەن ئۇلىنىپ ياكى باشقا يانتۇ سىزىق، ئاستى سىزىق بىلەن ئايرىلىپ تۇرسا، بۇنىڭ ساختا تور بېكەت بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن.

  مەسىلەن مۇنتىزىم ئالىي مەكتەپ بېيجىڭ ئۇچۇر تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېكەت دائىرە نامى http://www.bistu.edu.cn ئىكەن، بىراق ساختا ئالىي مەكتەپ بېيجىڭ ئۇچۇر قۇرۇلۇشى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور دائىرە نامى http://www.beixingong-edu.org/list.asp?id= ئىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا بۇ تور بېكەتلەرنىڭ ئەنگە ئالدۇرۇلغان نومۇرى بار-يوقلۇقىغا قاراش كېرەك ئىكەن، بىر قىسىم ساختا مەكتەپلەر ساختا ئەنگە ئالدۇرۇش نومۇرىنى چىقىرىپ قويىدىكەن، بۇنى سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدا تەكشۈرۈشكە بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر