باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بىر تۈركۈم قانۇن-نىزاملار 6-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ: چېگرىدىن كىرگەندە يۈك-تاقىسى نورمىدىن ئېشىپ كەتسە تاموژنا تۇتۇپ قالىدۇ

2016.05.30 15:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر تۈركۈم يېڭى قانۇن-نىزاملار 6-ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ، بۇ بۇلتۇر يىل ئاخىرىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان مائارىپ قانۇنى، ئالىي مائارىپ قانۇنى، تاموژنىنىڭ چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودا ۋە شەخسلەرنىڭ ۋاكالىتەن سېتىشىگە قارىتا چىقارغان يېڭى بەلگىلىمىسى، يېڭىدىن تۈزىتىلگەن ئاكسىيەگە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ فوندىنى باشقۇرۇشىنى قوغداش چارىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، جايلارنىڭمۇ مۇھىت ئاسراش، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار يېڭى بەلگىلىمىلىرى ئېلان قىلىنىدۇ.

  يېڭى مائارىپ قانۇنى، ئالىي مائارىپ قانۇنى: ئىمتىھاندا كۆچۈرمىچىلىك قىلغانلارغا زەربە بېرىش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ

  1995-يىلى ئېلان قىلىنغان مائارىپ قانۇنى بىلەن 1998-يىلى ئېلان قىلىنغان ئالىي مائارىپ قانۇنى، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 18-قېتىملىق يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ئۆزگەرتىلدى، 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  بۇ قېتىملىق تۈزىتىشتە ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغىنى دۆلەت ئىمتىھانىدا كۆچۈرمىچىلىك قىلىش قىلمىشىغا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش بولۇپ، دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانىدا كۆچۈرۈش، ۋاكالىتەن ئىمتىھان بېرىش قاتارلىق كۆچۈرمىچىلىك قىلمىشلىرىغا قارىتا، ئىمتىھان بېرىش سالاھىيىتى بىلەن نەتىجىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن باشقا، ئەھۋالى ئېغىرلىرىنى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغىچە ئىمتىھان بېرىشىنى چەكلەش، ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش ھەتتا جىنايى ئىشلار بويىچە سۈرۈشتۈرۈش بەلگىلەندى.

  يېڭى قانۇندا مەكتەپلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قاتارلىق قىلمىشىنى جازالاش سالمىقىمۇ ئاشۇرۇلدى، قوبۇل قىلغان ئوقۇغۇچى ۋە يىغقان بارلىق ھەقنى قايتۇرۇشقا بۇيرىغاندىن باشقا، ئالاقىدار مائارىپ ئاپپاراتىغا قانۇنسىز تاپاۋىتىنىنىڭ بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ ئەھۋالى ئېغىرلىرىنىڭ ئالاقىدار ئوقۇغۇچى قوبۇل سالاھىيىتى بىر يىلدىن يۇقىرى ئۈچ يىلدىن تۆۋەن ۋاقىت توختىتىلىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتى بىكار قىلىنىپ، مەكتەپ ئېچىش ئىجازەتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛ ھەتتا جىنايى جاۋابكارلىقى بىۋاسىتە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  شەخسنىڭ چېگرىدىن كىرگەندە ئېلىپ ماڭغان يۈك-تاقى ئۆزى ئىشلىتىدىغان مۇۋاپىق نورمىدىن ئېشىپ كەتسە تۇتۇپ قىلىنىدۇ

  تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ تور پونكىتى بۇ يىل ئېلان قىلغان 2016-يىللىق 14-نومۇرلۇق ئېلاندا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بۇنىڭدىن كېيىن، جۇڭگو ساياھەتچىلىرىنىڭ چېگرىدىن كىرگەندە ئېلىپ ماڭغان چېگرا سىرتىدىن ئېرىشكەن ئۆزى ئىشلىتىدىغان بويۇملىرى «مۇۋاپىق نورما»دىن ئېشىپ كەتسە، تاموژنا تۇتۇپ قالىدۇ ۋە ۋاقىتلىق ساقلاپ بېرىدۇ. بۇ مۇنداق بەش خىل ئەھۋالنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، ساياھەتچىلەر چېگرىدىن ئەكىرىدىغان بويۇملارنىڭ بېجىنى نەق مەيداندا تۆلىيەلمىسە؛ ئىككىنچى، چېگرىدىن كىرىپ-چىقىدىغان بويۇملار ئىجازەتنامە باشقۇرۇش دائىرىسىگە تەۋە، لېكىن ساياھەتچى نەق مەيداندا تاپشۇرالمىسا؛ ئۈچىنچى، چېگرىدىن كىرىپ-چىقىدىغان بويۇم ئۆزى ئىشلىتىدىغان مۇۋاپىق نورمىدىن ئېشىپ كەتكەنلەر، بەلگىلىمە بويىچە ماللارنى تاموژنىغا مەلۇم قىلىش رەسمىيىتى ياكى باشقا تاموژنا رەسمىيىتى ئۆتىشى كېرەك بولۇپ، رەسمىيەت ئۆتىمىسە؛ تۆتىنچى، چېگرىدىن كىرىپ-چىقىدىغان بويۇمنىڭ ئالاھىدىلىكى، مەزمۇنىغا قارىتا گۇمان بولۇپ، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى، باھالىشى، سېلىشتۇرۇپ باھالىشى كېرەك بولسا؛ بەشىنچى بەلگىلىمە بويىچە قويۇپ بېرىشكە بولمايدىغان باشقا يۈك-تاق بولسا.

  بۇ بەلگىلىمە مالىيە مىنىستىرلىقى، تاموژنا باش مەھكىمىسى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى 24-مارت بىرلىشىپ ئېلان قىلغان «چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودا بويىچە پارچە سېتىلىدىغان ماللاردىن ئىمپورت بېجى ئېلىش سىياسىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» بىلەن ماس يولغا قويۇلىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو 2016-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ چېگرا ھالقىغان ئېلېكترونلۇق سودا بويىچە پارچە سېتىلىدىغان ماللاردىن ئىمپورت بېجى ئېلىش سىياسىتىنى يولغا قويىدۇ ۋە يۈك-تاق، پوچتىدىن يەتكۈزۈپ بېرىلىدىغان ماللاردىن باج ئېلىش سىياسىتىنى ماس تەڭشەيدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر