جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتى ھازىر تارىختىكى ئەڭ ياخشى دەۋردە تۇرۇۋاتىدۇ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقى جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىدىكى بىر يورۇق نۇقتا، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۇزاق تەرەققىياتىنىڭ تۈپ ئاساسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-رۇسىيە دۆلەت يىلى، تىل يىلى، ساياھەت يىلى ۋە ياشلار دوستلۇق ئالماشتۇرۇش يىلى قاتارلىق باش تېمىلىق پائالىيەتلەرنى ئۇدا ئورۇنلاشتۇردى. رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو-رۇسىيە ئادىمىيەت ھەمكارلىق كومىتېتى رۇسىيە تەرەپ رەئىسى گولودزىك مۇنداق بىلدۈردى: ‹‹ئادىمىيەت ھەمكارلىقى رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇستەھكەم ئاساسى››.