باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالتە كەسپىي ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، 360 تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىدى

2016.05.17 13:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالتە كەسپىي ئالىي مەكتەپ بىلەن ئالتە ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس كەسىپلىرى ھەمكارلاشقان بولۇپ، بۇ يىلدىن باشلاپ بۇ كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر 11 كەسىپكە قوللىنىشچان تولۇق كۇرس ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى سىناق قىلىپ، 360 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى پىلانلىغان.شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرستىتى، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالتە ئالىي مەكتەپ ئايرىم-ئايرىم شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ قاتناش كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى، ئۈرۈمچى كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى، سانجى كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، يېمەكلىك پىششىقلاش تېخنىكىسى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ماشىنا بىلەن ئېلېكتىروننى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسى قاتارلىق كەسىپلەرنى سىناق نۇقتىسى قىلىدىكەن.ئىگىلىنىشىچە، ساھەلەر بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر، تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى ئىككى تەرەپ كەسپىي ئوقۇتقۇچى، دەرس ماتېرىيالى، تەجرىبىخانا، تەربىيەلەش بازىسى قۇرۇلۇشىنى بىرلىشىپ قانات يايدۇرۇپ، كەسپىي ئوقۇتۇشنى ئورتاق تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، ئۈستۈنلۈكتىن ئۆزئارا پايدىلىنىش، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ « 3 + 2 »، « 4 + 0 » ئىككى خىل ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى بېكىتىلدى. « 3 + 2 » ئەندىزىسىدە، ئالدىنقى ئۈچ يىلدا ئالىي تېخنىكومغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بويىچە، ئالىي كەسپىي تېخنىكومغا قوبۇل قىلىنىدۇ، ئالىي كەسپىي تېخنىكوم باسقۇچىدىكى ئۆگىنىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلار تولۇق كۇرس باسقۇچىغا كىرىپ ئىككى يىل ئۆگىنىدۇ. « 4 + 0 » ئەندىزىسىدە، تولۇق كۇرس مەكتەپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بويىچە تولۇق كۇرس تۈركۈمىدە بىرلىشىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ. نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان كەسپىي ئالىي مەكتەپلەر، تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش ئۆلچىمى بويىچە، قوللىنىشچان تولۇق كۇرس ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش ئۆلچىمى ۋە ئەمەلىي تېخنىكا ماھارىتى تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش تەلىپى بويىچە، بىرلەشمە كارخانىلار بىلەن بىرلىكتە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش لايىھەسى ۋە ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئۆلچىمىنى تۈزۈپ چىقىدىكەن. پىرىنسىپ جەھەتتىن، تۆت يىل ۋاقىتتا تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقىرى ئالىي مەكتەپلەردە تاماملايدىكەن. ئىككى خىل ئەندىزە بويىچە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقانلاردىن تاللىنىدىكەن. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىكەن، ئالىي مەكتەپلەر تولۇق كۇرس كەسىپلىرىنىڭ ئەسلىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئىگىلىۋېلىنمايدىكەن. ئوقۇشنى تاماملىغان، مۇناسىپ تەلەپكە ئۇيغۇن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندە، ھەمكارلاشقان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ۋە ئىلمىي ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى تارقىتىلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، «13 - بەش يىل »دا، ئاپتونوم رايونىمىز شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى كەسپىي مائارىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى كەسپىي مائارىپ ۋە چوڭلار مائارىپى باشقارمىسى باشقارما باشلىقى گى شىنجې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالىي دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپ ۋە تولۇق كۇرس مائارىپى ئەمەلىي تىپلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى بىرلىشىپ يېتىشتۈرۈشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قوللىنىش تىپىدىكى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، تولۇق كۇرس مەكتەپلىرى تىپىنى ئۆزگەرتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالىي كەسپىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىختىساسلىقلار بىلەن تەمىنلەيدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، ھەمكارلىشىپ يېتىشتۈرۈش كەسپىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىدىكى «توسالغۇ»لارنى ئېچىپ، كەسپىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىپ بېرىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر