باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2016.05.05 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 4-ماي گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا، ئەلئارا سېلىنما سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى مەخسۇس نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئەلئارا سېلىنمىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىش قارار قىلىندى؛ ياسىمىچىلىق بىلەن ئالاقە تورىنىڭ چوڭقۇر بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»نىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تىزلىتىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ ئۆي ئىجارە بازىرىنى ئېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش تەدبىرلىرى بېكىتىلىپ، يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق ئاممىنىڭ تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى؛ ھەممىباب ئاۋىئاتسىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەلئارا سېلىنما مۇقىم ئېشىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تايانچ كۈچ. ھازىر، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر ئاز تۆۋەنلىدى، چوقۇم كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجازەتنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىپ، ئادىل تىجارەت قىلىش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: جايلار، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە ئۆزىنى تەكشۈرۈشى ئاساسىدا، گوۋۇيۈەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، گوۋۇيۈەن 2014-يىلى ئېلان قىلغان نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەتنى مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى ئالاقىدار ھۆججەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى چۆرىدەپ، قىسمەن جايلارنى تاللاپ تەكشۈرۈش بىلەن بىرگە، 3-تەرەپ باھالاشنى يولغا قويۇش كېرەك. ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ، قىلىدىغاننى قىلماسلىق ئەھۋالىدىن ساقلىنىپ، ئەلئارا سېلىنما سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ قوللاپ، كارخانىلارنىڭ بازار سۇبيېكتىدىكى ئورنىنى ھۆرمەتلەپ ۋە ساقلاپ، كارخانىچى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر