خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرىدە زىيالىيلار، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، ياشلار ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا جەزمەن بىلىمگە، ئەمگەككە، ياشلارغا تايىنىش كېرەك. زىيالىيلار، ئەمگەكچى ئامما ۋە ياشلار دەۋرگە ئەگىشىپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئۆزىنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى بىلەن زىچ باغلاپ، ئورتاق غايە ۋە نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ ئورتاق كۈرەش قىلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن مەملىكىتىمىزدىكى زىيالىيلار، ئەمگەكچى ئامما، ياشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ئۇلارنىڭ «1-ماي» خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى، «4-ماي» ياشلار بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ 26-ئاپرېل ئەنخۇي ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان مەزگىلدە بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئەنخۇي ئۆلكىسى ۋە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 70 نەچچە زىيالىي، ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋە ياشلار ۋەكىلى بىلەن سۆھبەتلەشتى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى