باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى ئېلان قىلىندى

2016.04.13 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاپرېل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى يىغىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بەلگىلىمىسى» ( تۆۋەندە قىسقارتىلىپ « بەلگىلىمە » دېيىلىدۇ) مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللانغان. « بەلگىلىمە »دە بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئارزۇ تولدۇرۇش، تۈركۈم قېتىمنى بەلگىلەش، جەنۇبىي شىنجاڭغا ئايرىم پىلان تۈزۈش قاتارلىق مەزمۇنلار يەنىمۇ ئېنىقلاشتۇرۇلغان، تەڭشەلگەن ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن.

  «بەلگىلىمە» دە، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ۋاقتى يەنىلا 7-ئىيۇلدىن 9-ئىيۇلغىچە بولىدۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى داۋاملىق خەنزۇ تىلى (خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلار)، ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلى، قىرغىز تىلى، موڭغۇل تىلى، قوش تىل سىنىپى بويىچە ئالتە خىل تىلدا ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەل تىلى پەنلىرىدىن ئىنگلىز تىلى، رۇس تىلى، ياپون تىلى، فىرانسۇز تىلى، نېمىس تىلى، ئىسپان تىلى قاتارلىق ئالتە خىل تىل بار بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرى ئىختىيارىي قىلىپ بىر تىلنى تاللاپ قاتناشسا بولىدۇ، دېيىلدى.

  شىنجاڭدا 2016-يىلى يەنىلا چەت ئەل تىلى ياكى خەنزۇ تىلىدا ئېغىزچە ئىمتىھان ئېلىنمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر