باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا چېتىلىدىغان كارخانا 11 مىليوندىن ئاشتى

بۇ يىل500 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق باج كېمەيتىلىدۇ

2016.04.13 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 12-ئاپرېل خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئېچىپ، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى 1-مايدىن باشلاپ يولغا قويۇشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شى ياۋبىن، دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ كاڭ جۇڭگو ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  شى ياۋبىن ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش-بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق باج كېمەيتىش بولۇپ، مۆلچەرلىنىشچە، 2016-يىلى كېمەيىلىدىغان باج سوممىسى 500 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن. 1-مايدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلىدىغان تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: بىرىنچىدىن، نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسى بىناكارلىق، ئۆي-زېمىن كەسپى، پۇل مۇئامىلە ۋە تۇرمۇش مۇلازىمىتى كەسپىگە كېڭەيتىلىپ، مال ۋە مۇلازىمەتنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش تاماملانغاندىن كېيىن، تىجارەت بېجى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندۈرىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، بارلىق كارخانىلارنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن مۇقىم مۈلكى تەركىبىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجىنى چىقىرىۋېتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، قېلىپلاشقان ئىستېمال تىپىدىكى قوشۇلما قىممەت بېجى تۈزۈمى مۇكەممەل ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىسا سىناق قىلىش تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدا چۈشەندۈرۈپ ۋاڭ كاڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشقا چېتىلىدىغان كارخانا 11 مىليوندىن ئاشىدىغان بولۇپ، باج مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كېمەيتىلىدۇ. ھازىر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تەييارلىق خىزمىتىنىڭ ٪80 ى ئورۇندالدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر