باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش سالمىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەدەنىي يادىكارلىقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش، پايدىلىنىش يولى ئېچىش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىق سالدى

2016.04.13 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم كۆرسەتمە بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەدەنىي يادىكارلىق شانلىق مەدەنىيەت يېزىلغان، تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىدىغان، مىللەتنىڭ روھىنى تۇتۇپ تۇرىدىغان، ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك مىراسلىرىدىن بىرى، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ كۈچلۈك ئوزۇقى. مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش كېيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇلغان بايلىق ھېسابلىنىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ مەدەنىي يادىكارلىق ئىشلىرى ئىنتايىن ياخشى تەرەققىي قىلىپ، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش، باشقۇرۇش ۋە پايدىلىنىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. لېكىن شۇنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، ئېلىمىز دۇنيا مەدەنىي يادىكارلىقىغا باي دۆلەت، شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك تارىخىي مۇساپىدە، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش خىزمىتى يەنىلا مۈشكۈل ۋە ئېغىر ۋەزىپە.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر تارىخىي مەدەنىي يادىكارلىقلارنى ھۆرمەتلەشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداشنى خىزمەت نەتىجىسى قىلىشتەك ئىلمىي ئىدىيە تىكلەپ، مەدەنىي يادىكارلىقنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، «قوغداشنى ئاساس قىلىش، جىددىي قۇتقۇزۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، مۇۋاپىق پايدىلىنىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش» خىزمەت فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش سالمىقىنى ھەقىقىي زورايتىپ، مەدەنىي يادىكارلىقلاردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش نەتىجىسى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش تارماقلىرى بۇرچىغا داغ تەگكۈزمەي، زېمىننى قوغداپ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ساپا ئىقتىدارى ۋە قانۇن بويىچە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى پائال قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، تىرىشىپ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش، پايدىلىنىش يولى ئېچىپ، «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر