باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى: پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا سالاھىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە پراكتىكا ئارخىپ تۈزۈمى ئورنىتىش كېرەك

2016.04.13 14:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور پونكىتى 12-ئاپرېل ئېلان قىلغان «پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مائارىپ ئەمەلىيىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»دە، مائارىپ پراكتىكىسى دەرس ئۆلچىمى، يولغا قويۇش پىلانى، پراكتىكا قوللانمىسى، باھالاش ئۆلچىمى قاتارلىق خىزمەت قائىدىسى تۈزۈپ، پراكتىكا قىلىشتىن ئىلگىرى ئېنىق تەلەپ قويۇش، پراكتىكا قىلىش جەريانىنى قاتتىق نازارەت قىلىش، پراكتىكىدىن كېيىن باھالاش نەتىجىسى بولۇشنى؛ پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پراكتىكا سالاھىيىتىنى باھالاش تۈزۈمى ۋە پراكتىكا ئارخىپ تۈزۈمى ئورنىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى كۆرسىتىلدى.

  پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھازىرقى مائارىپ ئەمەلىيىتى ئەھۋالىغا قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مائارىپ ئەمەلىيىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ مەقسىتى مائارىپ ئەمەلىيىتىنى سىستېمىلىق پىلانلاش ۋە ئۈنۈملۈك يېتەكلەش ئارقىلىق، پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ياخشى بولغان ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاق تەربىيەسى ۋە كەسىپ تونۇشىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش كەسپىي بىلىملىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش لايىھەسى ۋە يولغا قويۇش، سىنىپ باشقۇرۇش ۋە ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەش قاتارلىق زۆرۈر ئىقتىدارلارنى ئىگىلەپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ سىجىل كەسپىي تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت.

  پىكىردە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش لايىھەسىدە يېتەرلىك مائارىپ ئەمەلىيىتى دەرسى تەسىس قىلىپ، تەربىيەلەش بويىچە پراكتىكا قىلىشنى ئاساس قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى تەجرىبىسى، ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى، سىنىپ باشقۇرۇش ئەمەلىيىتى، ئوقۇتۇش تەتقىقات ئەمەلىيىتى قاتارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تەرەپلىك مائارىپ ئەمەلىيىتى مەزمۇن سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى مائارىپ ئەمەلىيىتىنىڭ جەمئىي بىر مەۋسۇمدىن ئاز بولماسلىق تۈزۈمىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر