باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچىياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى

2016.04.07 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچىياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 6-ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا «قورال-جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يىرىك پىلانى»نى يولغا قويۇپ، جۇڭگونى ياساش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش قارار قىلىندى؛ «ئالاقە تورى+ئوبوروت» ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش، ئىشقا ئورنىنى كۆپەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ 2016-يىلى دورا-سەھىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاممىنى داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىدىن يەنىمۇ كۆپ مەنپەئەتلەندۈرۈش بەلگىلەندى.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: ئۆلچەم ئارقىلىق يېتەكلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش قۇرۇلما ئىسلاھاتى بولۇپمۇ تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئۇ تەمىنلەشنى ياخشىلاش، ئېھتىياجنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، مەھسۇلات كەسپىنىڭ ئوتتۇرا-يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. يىغىندا «قورال-جابدۇق ياسىمىچىلىقىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش يىرىك پىلانى ماقۇللىنىپ، «جۇڭگو ئۆزى ياساش-2025»كەجىپسىلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ئىلغار سەۋىيەنى كۆزلەپ، سانائەت ئاساسى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق، يېشىل ياسىمىچىلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئۆلچىمىنى بېكىتىشنى تېزلىتىپ، ماشىنا ئادەم، ئىلغار رېلىسلىق قاتناش قوراللىرى، يېزا-ئىگىلىك ماشىنىلىرى، يۇقىرى ئىقتىدارلىق داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق مۇھىم ساھەلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ ھەم يېڭىلىق يارىتىش مۇساپىسى ۋە بازار ئېھتىياجىغا ماسلىشىشتا ئۆلچەمنى ۋاقتىدا يېڭىلاپ، 2020-يىلىغا بارغاندا نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ خەلقئارا ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتىنى ھازىرقى %70تىن يۇقىرى سەۋىيەدىن %90تىن يۇقىرى سەۋىيەگە ئۆستۈرۈشكە كۈچەش تەلەپ قىلىندى. ھۈنەرۋەن روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىش ئىنتىلىپ، يەنىمۇ ئىجادىي، سۈپىتى ياخشى، ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىدىغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىش، ئۆلچەمگە يەتمىگەن مەھسۇلاتلارنى شاللىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ «جۇڭگودا ياساش»قا بولغان ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇش، ياسىمىچىلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، خەلقئارادىكى رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى قوللاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: «ئالاقە+ئوبوروت» ھەرىكىتىنى يولغا قويۇش ئوبوروت ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامما ئىگىلىك تىكلەش، ھەممە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئۇ تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، ئىستېمال ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. شۇڭا، ئاۋۋال ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھەسى ۋە سوغۇق تىرانسپورتنىڭ ئارقىدا قېلىشى قاتارلىق «قاتتىق بوغما ھالەت»تە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئەقىل-پاراسەت ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئوبوروت تورنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دېيىلدى: يېڭى نۆۋەتلىك داۋالاش ئىسلاھاتى ئىقابىي ئۈنۈمگە ئېرىشىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسى ۋە ئوتتۇرىچە كۆزلەنمە ئۆمرى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى. يىغىندا 2016-يىلى داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىش بەلگىلەندى.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر