باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇشتا بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ

2016.04.07 15:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەن يىلى شىزاڭنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %11، گۈيجۇنىڭ %10.7 گە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرىتى تەرتىپىدە ئايرىم 1- ۋە 3-ئورۇندا تۇردى. بۇ ئىككى ئۆلكىدىن باشقا، ئۆتكەن يىلى ئىچكى ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى زورىيىۋاتقان كەسكىن ۋەزىيەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادى ياخشى يۈكسەلدى. رايوننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرىتى %8.6 گە يېتىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي سانلىق مەلۇماتىدىن 0.7 پويىنت يۇقىرى بولدى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا ئوننى ئومۇملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى %84.4 مەمۇرىي كەنتنى قاپلىدى. دېھقانلار تۈز يولدا ماڭىدىغان، پاكىز سۇ ئىچىدىغان، ھەممە ئائىلىگە توك يەتكۈزۈلگەن، ئائىلىلەر ئىشىك تۈۋىدە نەرسە كېرەك سېتىۋالىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى. شىزاڭ ئاپتونوم رايونىدا بىر تۈركۈم بەشتە كاپالەتلىكلەرنى مەركەزلىك باقىدىغان ئورۇنلار ۋە ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك دارىلئېتام قۇرۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە يېتىم بالىلار ۋە بەشتە كاپالەتلىك بولۇشنى خالايدىغان ياشانغانلار مەركەزلىك بېقىلدى.

  گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا %97 كەنت ئاسفالت يول ۋە سېمونت يول بىلەن تۇتاشتۇرۇلدى. شىمالىي قولتۇق پورتىدىن ئۇنىۋېرسال ئۆتۈش ئىقتىدارى225 مىليون توننىغا ، توپ يەشىكلەرنىڭ ئۆتۈش ئىقتىدارى 4 مىليون 230 مىڭ ئۆلچەملىك يېشىككە يەتتى. گۈيجۇ ئۆلكىسى ھەممە ناھىيەلەرنى يۇقىرى سۈرەتلىك تاشيوللار بىلەن باشلامچى بولۇپ تۇتاشتۇردى؛ ھەممە كەنتلەرگە كەڭ بەلباغلىق خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىسى ئورناتتى؛ ھەر مىللەت ئاممىسى بەختلىك تىز سۈرەتلىك يولىغا ئاتلاندى.

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا يىنچۈەن ئۇنىۋېرسال باجدىن خالى رايونى شاڭخەي ئەركىن سودا رايونىدىن كېيىنكى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگو تاموژنىسى ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش 2-رايونىغا رەسمىي كىرىپ، نىڭشيانىڭ تاشقى ئىقتىساد سودا يولىنى كېڭەيتتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئالاتاۋ، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالى رايونىدا تاموژنىنى تاقاپ توشۇش تىجارىتى يولغا قويۇلدى؛ يەر شارىدىكى تۇنجى چېگرا ھالقىغان ئەركىن سودا رايونى جۇڭگو قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى يۈرۈشلۈك رايونى رەسمىي تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىندى.

  چىڭخەي ئۆلكىسىدە ئۈچ دەريا مەنبەسىنى قوغداش قۇرۇلۇشى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەڭگۈ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن جۇڭخۇا سۇ مۇنارى قوغدىلىپ، نەم يەر كۆلىمى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. چىڭخەي كۆلىنىڭ كۆلىمى 15 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ دەرىجىگە يەتتى. يۈننەن ئۆلكىسىدە جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىندى. %90 تىپىك ئېكولوگىيە سىستېمىسى ۋە %85 مۇھىم جانلىقلار خىللىرى ئۈنۈملۈك قوغدىلىپ، دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقى قوغدالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر