باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېشىل تەرەققىيات مىللىي رايونلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى گەۋدىلەندۈردى

2016.04.07 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 5-ئومۇمىي يىغىنىدا "يېڭىلىق يارىتىش، ماسلىشىش، يېشىل، ئېچىۋېتىش، تەڭ بەھرىلىنىشتىن" ئىبارەت بەش چوڭ تەرەققىيات نۇقتىئىنەزەرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئېكولوگىيەلىك مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى ۋە يېشىل تەرەققىيات ھەم ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات تەجرىبىلەردىن ساۋاق ئېلىشنىڭ تارىخىي يەكۈنى ھەم جۇڭگونىڭ يىراق تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نۇقتىئىنەزەرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى.

  ئېلىمىزنىڭ مىللىي رايونلىرىدا مەيلى ئۈچ دەريا مەنبەيى بولسۇن، يايلاق چارۋىچىلىق رايونلىرى بولسۇن مەيلى بىپايان ئورمان قارلىق تاغ,، خەينەن ئارىلى بولسۇن مول ئېكولوگىيەلىك بايلىق ھايات كەچۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلىشتا تايىنىدىغان قىممەتلىك بايلىق،"ئۇلىمىزنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، بايلىقىمىزنى يوقىتىپ قويساق بولمايدۇ." مىللىي رايونلار ئومۇمىيلىق ۋە يىراقنى كۆزلەش نۇقتىسىدىن يېشىل تەرەققىيات نۇقتىئىنەزەرىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئېكولوگىيەنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى پائال ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مەڭگۈ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئېكولوگىيەلىك ئاساس سالدى.

  ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-80-يىللىرى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ دولۇن ناھىيەسىنىڭ قۇملىشىپ كېتىش كۆلىمى ناھىيەنىڭ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %87 نى ئىگىلىگەن ئىدى، بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 2000-يىلىدىكى %6.8 تىن ھازىرقى %31 كە يەتتى؛ تۈر رايونىدىكى ئورمان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى 2000-يىلىدىكى %30 كىمۇ يەتمەيدىغان سەۋىيەدىن تەرەققىي قىلىپ ھازىر %85 تىن ئاشتى. ئىلگىرىكى بېيجىڭ تيەنجىن خېبېي "قۇم بورام مەنبەيى" بېيجىڭ تيەنجىن خېبېينىڭ "باغچىسىغا" ئايلاندى.

  تۈرلۈك ئورمانچىلىق ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتى. ئورمانچىلىق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش قۇرۇلۇشى ۋە ئورمان ئەھيا قىلىش ئارقىلىق قۇملىشىشنى تىزگىنلەش كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ نامرات دېھقان چارۋىچى ئورمان ئەھيا قىلىش ئىشلەپچىقىرىشى، ئورماننى قوغداش پائالىيىتىگە قاتناشتى. ئىشقا ئورۇنلىشىش كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. 2014-يىلىغىچە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئورمانچىلىق ئومۇمىي كەسىپ قىممىتى 38 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2010-يىلىدىكىدىن %89.6 ئاشتى؛ بارغانسېرى كۆپ كىشى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ساياھىتىدىن يېشىللىقنى ھېس قىلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئورمانچىلىق باغچىسى ئومۇمىي سانى 47 گە يەتتى، كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 11 مىليون 348 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئومۇمىي كىرىم 303 مىليون يۈەن بولدى.

  ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش ئۈچۈن، گۈيجۇ ئۆلكىسىنىڭ يېشىللىقنى كۆپەيتىش قەدىمى يىلسېرى ئاشتى؛ 2013-يىلى 3 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئاجرىتىپ، 4 مىليون 500 مىڭ مو ئورمان ئەھيا قىلدى، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %48 كە يەتتى. 2014-يىلى 4 مىليارد 20 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ 4 مىليون 540 مىڭ مو ئورمان ئەھيا قىلدى، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %49 كە يەتتى. 2015-يىلى "يېشىل گۈيجۇ قۇرۇلۇشى ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانى" ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ، يېشىللىق رەڭگارەڭ گۈيجۇنىڭ ئەڭ يارقىن، ئەڭ جەلپ قىلارلىق، ئەڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەنزىرىسىگە ئايلاندى. گۈيجۇنىڭ ئورمان كۆلىمى 132 مىليون 100 مىڭ موغا يېتىپ، ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى مۇددەتتىن ئىككى يىل بۇرۇن %50 كە يەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر