باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تىككۈچىدىن كارخانىچىغىچە

دېھقان قىزى بوستانگۈلنىڭ ئىگىلىك تىكلەش يولى

2016.04.07 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇتەللىپ ئابدۇراھمان، غالىپجان ئوسمان) كەچلىك تاماقتىن كېيىن، خېلى بىر ۋاقىتقىچە تالاش-تارتىش بولدى. ئاتىنىڭ قىلغان گەپلىرى بوستانگۈلنى يىغلاتسىمۇ، ئىرادىسىنى سۇندۇرالمىدى. ئانا بوستانگۈلنى قوللاپ، باشتىكى گېپىدە چىڭ تۇردى، ئانا-بالىنى قايىل قىلالمىغان ئاتا ئاخىرى يول قويدى، شۇنداق قىلىپ 2003-يىلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بوستانگۈل ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا ئونسۇ ناھىيە بازىرىغا كېلىپ، نامى بار بىر تىككۈچىلىك ئۇستىسىغا تىككۈچىلىككە شاگىرتلىققا كىردى. بۇ، بوستانگۈلنىڭ ھايات مۇساپىسىنىڭ ئەمدىلا 17-يىلىغا قەدەم قويغان چاغلىرى ئىدى.

  زېھنى ئۇچۇق، ئىشتا چاققان بۇ قىز قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا پۇت، قولى ماشىنىنى بىمالال ھەرىكەتلەندۈرۈپ، يېڭى شاگىرتلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى. بوستانگۈلنىڭ ھۈنەرنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشى ۋە ئىشچانلىقى، تىرىشچانلىقى ئۇستىسىنى قايىل قىلدى. ئۇستام بوستانگۈلگە ھەر خىل پاسوندىكى كىيىملەرنى تىكىش، چولاش، بۈكۈش جەھەتتىكى ھۈنىرىنى ئەستايىدىل ئۆگەتتى، بوستانگۈلمۇ بېرىلىپ ئۆگەندى، بىر يىلدىن ئاشقاندا كونا شاگىرتلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى.

  2005-يىلى 7-ئايغىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە بوستانگۈل تىكىش تېخنىكىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، تۈرلۈك كىيىملەرنى بىمالال تىكەلەيدىغان سەۋىيەگە يەتتى، ئەمما كېسىمچىلىكتە بوستانگۈل ساۋاتسىز ئىدى.

  كېسىمچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە بولغان ئوتتەك قىزغىن ئىشتىياقى بىلەن بوستانگۈل 2005-يىلى 7-ئايدا بۇ دۇكاندىن قايتىپ چىقىپ،

  ئاتا-ئانىسىنى قايىل قىلىپ، كۆرۈشۈپ قويغىنى بۇيىچە نەچچە كۈندىن كېيىنلا ئاقسۇ شەھىرى يېڭى بازار غەربىي دىيار كىيىم-كېچەك لايىھەلەش، تىكىش مەكتىپىدە كېسىمچىلىك تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشكە باشلىدى. ئۇ سەھەر تۇرۇپ، باشقىلاردىن كەچ ياتاتتى. سىنىپتا ئەمەلىيەتتىن ئۆگەنگەن بىلىملەر ئاساسىدا كېسىمچىلىككە ئائىت تۈرلۈك كىتابلارنى ئەستايىدىل كۆرۈپ، بۇ جەھەتتىكى نەزەرىيەۋى بىلىمىنى تولۇقلىدى. ئارزۇ يولىدا ھەممىنى ئۇنتۇپ، كېچە-كۈندۈز تىرىشتى، تىرىشىش ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى. ئۈچ ئاي تىرىشىش نەتىجىسىدە، مەكتەپ بوستانگۈلگە كۇرسىنى ئەلا دەرىجىدە تاماملىغانلىق كىنىشكىسىنى تۇتقۇزۇپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

  شۇنداق قىلىپ، بوستانگۈل 2005-يىلى 10-ئايدا ئاتىسى تىلىۋالدى ئالىمنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى بىلەن ئونسۇ ناھىيەسى توخۇلا يېزىسى ئۈستۈنكى قۇرباغ كەنتىدىكى ئائىلىسىدە تىككۈچىلىك دۇكىنى ئېچىۋالدى. بۇ كەنتتە ئىلگىرى سىستېمىلىق تەربىيەلەنگەنلەر بولمىغاچ، بوستانگۈل دۇكىنىنى ئاچقاندىن كېيىن كىيىم بۇيرۇتىدىغانلار خېلى كۆپەيدى، بوستانگۈل كىيىم ئىگىلىرىنىڭ بۇيرىتمىلىرىغا ئاساسەن ھەر بىر قۇر كىيىمنى تېخنىكىلىق كېسىپ، كۆڭۈل قۇيۇپ تىكتى ھەم لەۋزى قىلغىنى بۇيىچە كىيىمنى ۋاقتىدا بۇيرۇتقانلارنىڭ قولىغا تەگكۈزۈپ، كىيىم تىكىش ھەققىنى باشقا تىككۈچىلەردىن ئەرزان قىلدى،

  ئۇنىڭ قولىدا پۈتۈپ چىققان يارىشىملىق، كۆركەم كىيىملەر كۆپ كىشىلەرنى جەلپ قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۈستۈنكى قۇرباغ كەنتىدىلا ئەمەس، توخۇلا يېزىسى تەۋەسىدىكى ئورگان ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ۋە خېلى كۆپ كەنتلەردىكى خانىم-قىزلار ئارىنى يىراق كۆرمەي بوستانگۈلنى ئىزدەپ بېرىپ، كىيىم بۇيرۇتىدىغان بولدى. بۇيرۇتما كىيىملەرنىڭ كۆپىيىشى بوستانگۈلنى دۇكاننى چوڭايتىپ، شاگىرت قوبۇل قىلىش ئويىغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتا-ئانىسىغا مەسلىھەت سېلىپ، ئۇلارنىڭ قوشۇلۇشى، يولدىشىنىڭ قوللىشى بىلەن 2009-يىلى 20 مىڭ يۈەن دەسمىي سېلىپ، ئونسۇ ناھىيە بازىرىدا 45 كىۋادرات مېتىرلىق بىر دۇكاننى يىللىقىنى 8000 يۈەندىن ئىجارىگە ئېلىپ، «بوستانگۈل كىيىم تىكىش-لايىھەلەش مەركىزى» دېگەن ۋىۋىسكا بىلەن دۇكاننى يۆتكەپ، تۆت شاگىرت بىلەن تىككۈچىلىكنى باشلىدى.

  بوستانگۈلنىڭ بارا-بارا نامى چىقىشى بىلەن تەرەپ-تەرەپتىن ئىزدەپ كېلىدىغانلار كۆپەيدى. بۇنىڭ بىلەن بوستانگۈل ئەسلىدىكى تۆت شاگىرتى ئاساسىدا يەنە ئۈچ شاگىرت قوبۇل قىلىپ، كۈنىگە 10 قۇر ئەتراپىدا كىيىم تىكىپ پۈتكۈزەلەيدىغان بولدى.

  بۇيرۇتمىلىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن بۇ دۇكان تارچىلىق قىلىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بوستانگۈل ئەسلىدىكى دۇكان ئاساسىدا يەنە 45 كىۋادرات مېتىرلىق دۇكاننى قوشۇپ، يىللىقىنى 20 مىڭ يۈەندىن ئىجارىگە ئېلىپ، دۇكاننى كېڭەيتتى.

  2009-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بوستانگۈلنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن تىككۈچىلەر 20 دىن ئاشتى.

  ئۇنىڭ نامى يىراق-يېقىنغا تارالغاندىن كېيىن، دوستلىرى ۋە يېقىنلىرى شىركەت قۇرۇپ بازار ئىگىلەش تەكلىپىنى بەردى. دېمىسىمۇ بوستانگۈل 2014-يىلىدىن بۇيان توخۇلا يېزىسى، ئونسۇ ناھىيەسى، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئاچقان ئۈچ قېتىملىق ئىگىلىك تىكلەش كۇرسلىرىغا قاتنىشىپ، بازار ئېچىشتىن ئىبارەت بىر ئوي ئۇنىڭدا كۈندىن كۈنگە غولداۋاتقان ئىدى. ئىككى قول بولمىسا چاۋاك ساداسى بىر قولدىن چىقمىغىنىدەك، ئۇنىڭغا ياردەمدە بولۇپ قوللايدىغانلار كۆپەيدى، بۇنىڭ تۈرتكىسىدە بوستانگۈل تىلىۋالدى 2015-يىلى 2-ئايدا كىيىم ماركىسىنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىشىغا تۇتۇش قىلدى ھەم «مەرغۇناز» ماركىسىنى «شىنجاڭ ئوقيا مەدەنىيەت تارقىتىش ماركا ئەنگە ئالدۇرۇش تەرەققىيات مەسئۇلىيەت شىركىتى»گە سۇندى. دەلىللەنگەندىن كېيىن، 2015-يىلى 6-ئايدا «مەرغۇناز» ماركىسىنى قوللىنىش ئىجازەتنامىسى كەلدى، بۇنىڭدىن روھلانغان بوستانگۈل تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلەپ، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ بېشىدا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا شىركەت قۇرۇش ئىلتىماسى سۇندى، تارماقلار تەكشۈرۈپ سىياسەت ۋە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن دەپ قاراپ، 2015-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىردا شىركەت قۇرۇشنى تەستىقلىدى. بوستانگۈل سۆيۈنۈش ئىچىدە جىددىي تۇتۇش قىلىپ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن توخۇلا يېزىسى تۆۋەنكى سۇبۇلاق كەنتىدە 200 كىۋادرات مېتىر كۆلەمدە زاۋۇت ئۆيى بەرپا قىلىپ، بانكىدىن ئېلىنغان 70 مىڭ يۈەن قەرزگە يېڭىدىن 19 دانە كىيىم تىكىش چولاش، بۈكۈش ماشىنىسى، تۆت دانە ئىش كېسىش ئۈستىلى، دەزمال ۋە باشقا ئۈسكۈنە ئەسۋابلار، 10 مىڭ يۈەنلىك رەخت قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ كىرگۈزدى ھەم «مەرغۇناز كىيىم-كېچەك چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى» دېگەن ۋىۋىسكا ياسىتىپ ئېسىپ، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرى رەسمىي ئىش باشلىدى ۋە 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا قەدەر بازارغا ئاتاپ سېتىپ چىقىرىدىغانغا 1000 قۇر كىيىم تىكىپ، 200 قۇر كىيىمنى سېتىپ چىقىرىپ بولدى.

  بوستانگۈلنىڭ «مەرغۇناز» نامىدىكى كىيىم-كېچەك شىركىتىدە ھازىر توخۇلا يېزىسىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى ھېسابلىنىدىغان خانىم-قىزلاردىن 25 تىككۈچى ئىشلەيدۇ. بوستانگۈل بۇلارنىڭ تېخنىكا ماھارىتى، ئىقتىدارى ۋە ئىش ئۈنۈمىگە ئاساسەن ئېيىغا 700 يۈەندىن 1800 يۈەنگىچە ئىش ھەققى بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.

  بوستانگۈل شۇ بىر قېتىملىق شاگىرت بولۇپ ھۈنەر ئۆگىنىش ۋە كەسپىي مەكتەپتە قىسقا مۇددەتلىك تەربىيەلىنىپ ئۆز ئالدىغا تىككۈچىلىك قىلغاندىن بۇيان، پۇرسەت بولسىلا كىيىم تىكىش، لايىھەلەش ئورۇنلىرىغا بېرىپ يېڭى تېخنىكا ئۆگىنىشنى قولدىن بەرمىدى، شىنجاڭ مەرىپەت ئايال كارخانىچىلارنى تەربىيەلەش كۇلۇبىغا ئەزا بولۇپ، دائىملىق تەربىيەلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ ئۆزى تەربىيەلىنىپلا قالماي، ئۆزىگە شاگىرتلىققا كىرىپ ئۇزۇن مەزگىل تەربىيەلىنىپ، ئىقتىدار جەھەتتە كۆزگە كۆرۈنگەن راھىلە توختىنى ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ، شىنجاڭ سەرۋى قامەت كېسىش، تىكىش، لايىھەلەش مەكتىپىدە يەتتە ئاي مەخسۇس كىيىم لايىھەلەشنى ئۆگىتىپ كەلدى ھەم شىركەتكە كىيىم لايىھەلەشكە تەكلىپ قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بوستانگۈل كىيىم لايىھەلەشتە كۈچلۈك بىر ياردەمچىگە ئىگە بولدى. ئىگىلىشىمىزچە، بوستانگۈل 2009-يىلى ناھىيە بازىرىدا دۇكان ئاچقاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ھەر خىل پاسوندىكى 4000 خىلدىن ئارتۇق يېڭى كىيىم نۇسخىلىرىنى لايىھەلەپ، يېڭى كىيىم نۇسخىلىرى بىلەن خېرىدارلارنى رازى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

  بوستانگۈل سۆھبەت ئاخىرىدا مۇخبىرلارغا ئىشەنچ بىلەن مۇنداق دېدى: شىركەت قۇرۇشتىكى مەقسىتىم بازار ئېچىش. ھازىرقى كىيىم-كېچەك بازىرىدىكى رىقابەت كۈچلۈك بولۇۋاتقان شارائىتتا ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى ئاساس قىلغان ئاساستا كۆركەم، يارىشىملىق، نەپىس، راھەت كىيىملەرنى كۆپلەپ لايىھەلەپ تىكىپ، تور ۋە كىيىم-كېچەك بازارلىرىغا ئېلىپ كىرىپ بازار ئىگىلەپ، رىقابەتكە تاقابىل تۇرىمەن. بۇنىڭ ئۈچۈن لايىھەلەش ئۇستىلىرىنى كۆپەيتىش بىلەن بىللە، يىل ئاخىرىغىچە تىككۈچىلەر سانىنى 40 قا يەتكۈزىمەن ھەم ئۇلارنى سىياسەت ۋە بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلگەن ئەھۋال ئاستىدا ئۈچ خىل سۇغۇرتىغا قاتناشتۇرۇپ، خاتىرجەم ئىشلەش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىمەن.

  زېمىندا يول كۆپ، ئەمما نىشانى ئېنىق بولمىغان ئادەم بۇ يولغا كىرسە، ئادىشىپلا قالىدۇ ۋە باسقان قەدىمى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك بىلەن ئاخىرلىشىدۇ، قەدەم بېسىشتىن ئاۋۋال نىشان بەلگىلەنسە، بېسىلغان ھەر بىر قەدەم غايە ئىگىسىنى غەلىبە، نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ. بوستانگۈل تىلىۋالدىنى نۆۋەتتە جەمئىيىتىمىزدە نىشان بەلگىلەپ قەدەم بېسىۋاتقانلارنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتقان سەركىلەردىن بىرى دېيىشكە ھەقلىقمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر