باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېزىلاردا قېلىپ قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش قوغداش خىزمىتى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇلىدۇ

2016.04.07 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ھۆكۈمەت تورى تۈنۈگۈن ھۆججەت چىقىرىپ، يېزىلاردا قېلىپ قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش قوغداش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىك ۋە بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ،تارماقلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى ئارقىلىق، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق 27 تارماق يېزىلاردا قېلىپ قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش،قوغداش خىزمىتىنى مىنىستىرلىقلار ئارا بىرلەشمە كېڭىشى يىغىنى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، مەملىكەت بويىچە يېزىلاردا قېلىپ قالغان بالىلارغا غەمخورلۇق قىلىش قوغداش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇردى.

  بىرلەشمە كېڭىشى يىغىنىنىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەسى يېزىلاردا قېلىپ قالغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش قوغداش خىزمىتى سىياسەت تەدبىرلىرى ۋە يىللىق خىزمەت پىلانىنى تۈزۈپ گوۋۇيۈەنگە تەكلىپ بېرىدۇ. يېزىلاردا قېلىپ قالغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش قوغداش خىزمىتىنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرىدۇ ۋە بۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. تارماقلار بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، مەسئۇلىيەت ۋەزىپە ئىش تەقسىماتىنى ئىنچىكىلەشتۈرىدۇ. سىياسەت ۋە خىزمەتنىڭ باغلىنىشچانلىقىنى كۈچەيتىدۇ. غەمخورلۇق قىلىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇتقۇزۇش قوغداش مېخانىزمىنى ساغلاملاشتۇرىدۇ. يېزىلاردا قېلىپ قالغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش قوغداش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى نازارەت قىلىپ ۋە تەكشۈرۈپ خىزمەتنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرىدۇ ۋەھاكازالار.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى بىرلەشمە يىغىنىنى چاقىرىشقا مەسئۇل بولىدۇ.ھەر قايسى ئەزا ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ ئەزالىرى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر