باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بەش توننا پاختا دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كۈچ قوشتى

2016.04.07 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋىرى) يېقىندا، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى نىياز ھاشىم ۋىلايەتلىك سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاۋات ناھىيەسى بەشئېرىق بازىرى ئۈستۈنكى قۇمئېرىق كەنتىگە كېلىپ، بۇ كەنتتە قۇرۇلغان يوتقان-كۆرپە، كىيىم-كېچەك تىكىش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا بەش توننا ئەلا سۈپەتلىك پاختا ياردەم قىلىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بەردى.

  ئۈستۈنكى قۇمئېرىق كەنتىدە نوپۇس كۆپ، تېرىلغۇ يەر ئاز بولۇپ، كەنتتە ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى بىر قەدەر كۆپ ئىدى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئۈچ ئەل خىزمىتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنتتىكى بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال كەنت كومىتېتى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، كەنتنىڭ بىكار تۇرغان كونا كەنت كومىتېتى ھويلىسىنى ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، زۆرۈر ئۈسكۈنىلەرنى سەپلەپ بېرىپ، يوتقان كۆرپە، كىيىم-كېچەك تىكىش ئاساس قىلىنغان كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، يەرلىكتىكى 40 نەپەر قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى.

  ۋىلايەت ۋە ناھىيە رەھبەرلىرى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەنتكە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمى، سېتىش ئەھۋالى، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ساقلىنىۋاتقان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا قارىتا يېتەكچى خاراكتېرلىك پىكىرلەرنى بەردى ھەم ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن سۈپەت ئۆتكىلىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشنى ئۈمىد قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر