باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالتە توننا ئوغۇت دېھقانلارنىڭ غېمىنى يەڭگىللەتتى

2016.04.07 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن تامتوغراق يېزىسى توغراقلىق كەنتىگە 3-تۈركۈمدە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى ئاسىيەم ئۆمەر كەنت ئائىلىلىرىنى ئۆيمۇ-ئۆي زىيارەت قىلىش داۋامىدا بۇ كەنتتىكى 28 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ بۇلتۇر 5-ئايدا يۈز بەرگەن مۆلدۈر ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ ھوسۇل ئالالماي، بۇ يىل ئەتىيازدىكى تېرىلغۇ ئىشلىرىدا بېشى قېتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، يېنىدىن 13 مىڭ يۈەن پۇل چىقىرىپ ئالتە توننا ئوغۇت سېتىۋېلىپ، ئۇنىڭغا خىزمەت گۇرۇپپىسى ئىئانە قىلغان ئىككى توننا ئوغۇتنى قوشۇپ جەمئىي سەككىز توننا ئوغۇتنى 28 ئائىلىلىك نامرات دېھقانلارغا تارقىتىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ غەمدىن قۇتۇلۇپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشىغا مەدەت بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر