باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيەنىڭ تورمۇزى ۋە چىرىغى يوق ‹‹ھەربىي ئاپتوموبىلى››

2016.04.06 18:52         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كېيىنكى تارىخچىلار 2016 – يىلى توكيو ۋاقتى 3 – ئاينىڭ 29 – كۈنى سائەت نۆلنى ‹‹ياپونىيەنى ئۆزگەرتكەن خەتەرلىك پەيت›› دەپ خاتىرىلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئابې شىنزو ھۆكۈمىتى مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەجبۇرىي يېڭى خەۋپسىزلىك قوغدىنىش قانۇنىنى رەسمىي يولغا قويدى. بۇ، ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان چىڭ تۇرۇپ كېلىۋاتقان ‹‹مەخسۇس مۇداپىئەدە تۇرۇش›› سىياسىتىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ياپونىيەنىڭ ئەزەلدىن ‹‹تىنچلىق دۆلىتى›› دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ۋىۋىسكىسىمۇ چۆرۈپ تاشلىنىدۇ.

  يېڭى خەۋپسىزلىك قوغدىنىش قانۇنى ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو تەختكە چىققان ئۈچ يىلدىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويغان ‹‹خەۋپسىزلىك قوغدىنىش ئىسلاھاتى››نىڭ زور نەتىجىسى. مۇبادا ‹‹خەۋپسىزلىك قوغدىنىش ئىسلاھاتى››نى ياپونىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات يۆنىلىشىدىكى ‹‹قوماندانلىق ئاپتوموبىلى›› دەپ قارىساق، ئابې شىنزونىڭ تارىخقا بولغان تونۇشى، دۇنيا ۋەزىيىتىنى ئىگىلىشى، شۇنداقلا ياپونىيە خەلقىنىڭ رايىنى ھۆرمەت قىلىشى كەمچىل بولغانلىقتىن، بۇ ‹‹قوماندانلىق ئاپتوموبىلى›› تورمۇز ۋە چىراغ سەپلەنمىگەن خەتەرلىك ‹‹ھەربىي ئاپتوموبىل››غا ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ.

  ئىلگىرىكى مىلىتارىزم دۆلىتى ۋە تاجاۋۇزچى دۆلەت ياپونىيە ئۇرۇشتىن كېيىن ‹‹نورمال دۆلەت بولۇش››تىن ‹‹دۆلەتنى قايتا ئارمىيەلەشتۈرۈش››كىچە بولغان قەدەملەرنى باستى. ئەسلىدە ياپونىيەدىن ئىبارەت بۇ ‹‹ئاپتوموبىل››نىڭ ئىنتايىن ئىشەنچلىك تورمۇزى بولۇشى كېرەك ئىدى. ئىلگىرى بىردەك ‹‹تاجاۋۇزچى›› دەپ قارىلىپ كەلگەن گېرمانىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى تەجرىبىسىدىن قارىغاندا، تارىخقا توغرا قاراش ۋە ئەلرايىنى سەمىمىيلىك بىلەن قوبۇل قىلىش ئۇرۇشتىن كېيىنكى گېرمانىيەنىڭ قېيىپ كەتمەسلىكى، زوراۋانلىق قىلماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئىككى چوڭ تورمۇز بولۇپ قالغان. بىراق، ئابې شىنزو يېتەكچىلىك قىلغان يېڭى خەۋپسىزلىك قوغدىنىش قانۇنىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇش جەريانى ۋە ئۇ سىمۋوللۇق قىلغان ‹‹خەۋپسىزلىك قوغدىنىش ئىسلاھاتى››نىڭ ماڭغان يولىدىن قارىغاندا ھازىر بۇ ئىككى ‹‹تورمۇز›› يوق.

  ھەممىگە مەلۇمكى، ئابې شىنزو ھۆكۈمىتى تا بۈگۈنگىچە ياپونىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى بىلەن مۇستەملىكىچىلىك تارىخىنى توغرا تونۇپ يەتمىدى. ئاسىيادىكى قوشنا ئەللەر ۋە خەلقئارا جەمئىيەت ياپونىيەنىڭ ھەربىي خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى سىياسىي يۆنىلىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ كەلدى. بۇنىڭ مەنبەسىنى تارىخىي سەۋەبلەردىن ئىزدەشكە بولىدۇ. ھالبۇكى، ئابې شىنزو ھازىر پەردازلاپ ئوتتۇرىغا چىقارغان ‹‹خەۋپسىزلىك قوغدىنىش ئىسلاھاتى››نىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى كىشىنىڭ كۆزىگە تولىمۇ غەلىتە كۆرۈنىدۇ.

  ئابې شىنزو ۋەكىللىك قىلغان رېۋىزىئونىزملىق تارىخىي قاراشنىڭ مەنبەسىنى ئۇرۇشتىن كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى تەرتىپكە بولغان نارازىلىقتىن ئىزدەشكە بولىدۇ. بىراق، ئابې شىنزو ھۆكۈمىتى بۇنداق نارودنىكلىق ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىكتەك تارىخىي قىساسكارلىق تۈپەيلىدىن دىپلوماتىيە جەھەتتىكى خەۋپسىزلىكنى قوغداش مەسىلىسىنى ئويلاشقاندا ۋە بىر تەرەپ قىلغاندا تارىخ ئالدىدا پەقەتلا كەمتەر بولمىدى، ئەقەللىيسى ياپونىيە مىلىتارىزمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان دۆلەت ۋە خەلققە ھېسداشلىق قىلمىدى، ياپونىيەدىكى ئاقىل سادالارغا ھۆرمەت قىلمىدى. تارىخىي ساۋاقلار ئەسلىدە ياپونىيەنىڭ ‹‹نورمال دۆلەت بولۇش›› تىكى ئىشەنچلىك تورمۇزى بولالايتتى، ئەپسۇس، ئابې شىنزو ھۆكۈمىتى ئۇنى قەدىرلىمەستىن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى.

  ئابې شىنزونىڭ ‹‹ھەربىي ئاپتوموبىلى››مۇ ئوخشاشلا ئەلرايىدىن ئىبارەت بۇ تورمۇزدىن ۋاز كەچتى. كوللېكتىپ قوغدىنىش ھوقۇقى بۇيرۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، يېڭى خەۋپسىزلىك قوغدىنىش قانۇنىنىڭ ھەممىسى ياپونىيەدىكى ئاساسىي ئېقىم ئەلرايىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىق ساداسى ئىچىدە مەجبۇرىي يولغا قويۇلدى. كۆپ ساندىكى يولۇچىلار ‹‹ئاستىراق ھەيدەلسۇن!››، ‹‹توختىسۇن›› دەپ توۋلىسىمۇ، شوپۇر داۋاملىق ماي كىلاپانىنى دەسسەپ مېڭىۋەردى، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاپتوموبىل ۋەقەگە ئۇچراشقا ئازلا قالدى. ئابې شىنزو دەل مۇشۇ ئاپتوموبىلنى خەتەرلىك ھالەتتە ھەيدەۋاتقان ‹‹شوپۇر››. ياپونىيەدىكى ئاساسىي قانۇن ئالىملىرىنىڭ: ئابې شىنزونىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنى ‹‹خەۋپسىزلىك قوغدىنىش ئىسلاھاتى›› ئەمەس، بەلكى ‹‹خەۋپسىزلىك قوغدىنىشىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش››، دەپ قاتتىق ئەيىبلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

  ئابې شىنزونىڭ ‹‹ھەربىي ئاپتوموبىلى››دا تورمۇز بولمىغاندىن باشقا ئۇنىڭغا يەنە چىراغمۇ ئورنىتىلمىغان. ھازىر، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات دەۋرنىڭ ئىككى مايىكى بولۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، ئەلرايىنىڭ يۈزلىنىشىدۇر. ھالبۇكى، ئابې شىنزو ھۆكۈمىتى تا بۈگۈنگىچە ‹‹سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى››نىڭ تەپەككۇرى بويىچە چۆرگىلىمەكتە. ئابې شىنزونىڭ ‹‹خەۋپسىزلىك قوغدىنىش ئىسلاھاتى›› يۆنىلىش خەرىتىسى ئامېرىكىدىكى بەزى ئاتالمىش ئىستراتېگىيەچىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرى بويىچە داۋاملاشماقتا. بۇ، ياپونىيەنىڭ ئىستىقبالىنى باشقىچە غەرەزدە بولۇۋاتقان كۈچلەرگە قوش قوللاپ ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. خۇددى ئابې شىنزونىڭ ئانا مەكتىپى سېكېي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى ئېندو ماكوتوجى ئېيتقاندەك: ياپونىيە خەۋپسىزلىك قوغدىنىش سىياسىتىنىڭ ئالمىشىشىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە دەل رېئاللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلغانلىقتا. بۇ، دۇنيانىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش سىياسىي دولقۇنىغا مۇخالىپ.

  جۇڭگودا ‹‹خەتەرگە دۇچ كېلىش›› توغرىسىدا: قارىغۇ ئاتقا مىنسە، تۈندە ئازگالغا چۈشۈپ كېتەر، دەيدىغان تەمسىل بار. بۇ تەمسىلنى ئابې شىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى خەۋپسىزلىك ساھەسىدە قىلغانلىرىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئابې شىنزو ھەيدەۋاتقان بەڭباش ‹‹ھەربىي ئاپتوموبىل›› بىردىنلا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ ئالدىغا مېڭىۋېرىدىغان بولسا، ياپونىيە يەنە بىر قېتىم تارىخنىڭ جىنايەتچىسىگە ئايلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر