خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ بېيجىڭدىن بەرگەن ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ: ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ 5-ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ خەلق سارىيىدا ئەنگلىيە يورك كىنەزى شاھزادە ﺋﺎﻧﺪﺭﯦﯟ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﺘﻰ.
ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ دېدى: ﺑﯘﻟﺘﯘﺭ 10-ﺋﺎﻳﺪﺍ، ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﺩﻩ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﺪﻩ بولدۇم، ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﯞﻩ ﮪﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮪ ﺋﯧﻠﺰﺍﺑﯧﺖ II ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺳﺘﺎﻧﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ، ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺕ ﯞﻩ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭدى. ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ئۇزاق مەزگىلدىن ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻰ ﯞﻩ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛشىگە ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ تۆھپىلىرىنى ئالقىشلايمىز.
ﺷﻰ ﺟﯩﻨﭙﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺪﻯ: ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﺟﯘﯕﮕﻮ-ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ مۇناسىۋىتىدىكى «ئالتۇن دەۋرى»نىڭ باشلىنىش يىلى. ئەنگلىيە بىلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ھەرﻗﺎﻳﺴﻰ قاتلاملىرىدىكى ﺩﻭﺳﺘﺎﻧﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﭖ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ھەرﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﺎھەﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ھەمكارلىقىنى ﺑﯧﻴﯩﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﻤﯩﺰ. ﺟﯘﯕﮕﻮ بىلەن ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ قاتلام ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻗﻮﻳﯘﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﻣﯧﺨﺎﻧﯩﺰم خاراكتېردىكى سۆھبەتنى ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﭖ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻨﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﭖ، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ يەنىمۇ ياخشى ﺑﻪﺧﺖ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺟﯘﯕﮕﻮ بىلەن ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪنىڭ ھەر ئىككىلىسى مەدەنىي ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﯞﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﭼﻮﯓ دۆلىتى، ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ئىجتىمائىي ساھە ئالاقىسىدىكى بىر-بىرىگە ئۆرنەك بولۇش ﯞﻩ ھەمكارلىقنى ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮ ۋە ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ئۆزئارا چۈشىنىشى ﯞﻩ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ جەھەتتىكى ئىجابىي ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ داۋاملىق ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺟﯘﯕﮕﻮ-ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﺠﯩﻞ، ﺳﺎﻏﻼﻡ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ يەنىمۇ ﭘﯘﺧﺘﺎ ئەلرايى ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ سېلىشىنى ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى