باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت، نامرات، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى يېزىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 60 نومۇر ئېتىبار قىلىدۇ

2016.04.06 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆنۈگۈن، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى 2016-يىللىق «ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش پىلانى» ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامىنى ئېلان قىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ، چەت- ياقا، نامرات، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى قاتارلىق رايونلاردىكى ناھىيە (ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر) ۋە ناھىيەدىن تۆۋەن جايلاردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى يېزا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىلتىماس قىلىشى باشلاندى. بۇلتۇرقى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئىمتىھانغا تىزىملىتالايدىغان كەسىپلەر سانى چەكلىمىسىنى چىڭىتتى، بۇلتۇرقى «ھەر بىر ئادەم ئەڭ كۆپ بولغاندا ئۈچ كەسىپنى تولدۇرۇشقا بولىدۇ، ھەر بىر كەسىپ تۈرىگە كۆپ دېگەندە بەش كەسىپنى تولدۇرۇش كېرەك» دېگەننى « ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي، كەسىپلەر تۈرى بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ھەر بىر ئادەم ئەڭ كۆپ بولغاندا بەش كەسىپنى تولدۇرۇشقا بولىدۇ» دەپ ئۆزگەرتىلدى.

  2016-يىلى، «ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش پىلانى»نى ھەر قايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايونلار) داۋاملىق كونكرېت يولغا قويۇپ، چەت-ياقا، نامرات، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى قاتارلىق رايونلاردىكى ناھىيە (ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر) ۋە ناھىيەدىن تۆۋەن جايلاردىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، تىرىشچان، نەتىجىسى ئەلا يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلىپ قۇبۇل قىلىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچى ئۆزى ۋە ئاتا-ئانىسى ياكى قانۇنلۇق ھامىيسىنىڭ نوپۇسى چوقۇم شۇ ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) يولغا قويغان دائىرىدىكى يېزىدا بولۇشى كېرەك، ئىمتىھان بەرگۈچى چوقۇم شۇ جايدا ئۇدا ئۈچ يىل (ئۈچ يىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن يۇقىرى نوپۇس رويخېتىگە ئىگە بولۇشى ۋە شۇ جايدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇدا ئۈچ يىل ئوقۇش تەۋەلىكى بولۇشى ۋە ئەمەلىي ئوقۇغان بولۇشى، شۇ يىللىق بىر تۇتاش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش شەرتىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر