باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەيلى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاخبارات–تەشۋىقات، جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

2016.04.07 14:41         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى 6 – ئاپرېل خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات – تەشۋىقات، جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات – تەشۋىقات، جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ ئاخبارات – تەشۋىقات، جامائەت پىكرى خىزمىتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەشۋىقات، جامائەت پىكرى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىندا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەنىڭ ئاخبارات – تەشۋىقات، جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى نۇقتىسىدا تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاخبارات – تەشۋىقات، جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە مۇھىم رولىنى، پارتىيەنىڭ ئاخبارات – تەشۋىقات، جامائەت پىكرى خىزمىتىنىڭ مەجبۇرىيىتى، نىشان – ۋەزىپىسى ۋە پىرىنسىپىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، بۇ يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيەنىڭ ئاخبارات جامائەت پىكرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن تۈپ يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بېرىش جەھەتتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىشنى ئورۇنلاشتۇردى، ئاخبارات – تەشۋىقات، جامائەت پىكرى خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىدى. دائىمىي كومىتېت ئورگىنى ۋە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى پارتىيەنىڭ ئاخبارات – تەشۋىقات، جامائەت پىكرى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مۇھىم ۋەزىپە دەپ بىلىپ، خىزمەتتە ئومۇمىي ۋەزىيەتنى چىقىش قىلىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە، توغرا جامائەت پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات – تەشۋىقات، جامائەت پىكرى خىزمىتىنى كۈچەيتىشتىكى كونكرېت تەلەپ ۋە يولغا قويۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك.

  نەيىم ياسىن تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ئورگاندىكى ھەر قايسى تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹48 خەتلىك›› تەلىپى، تەشۋىقاتنى پارتىيە باشقۇرۇش، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى پارتىيە باشقۇرۇشتىن ئىبارەت تەلەپنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاخبارات – تەشۋىقات خىزمىتىنى پارتگۇرۇپپا (پارتكوم)، پارتىيە ياچېيكىسى ئاساسلىق تۇتىدىغان، رەھبەرلەر ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولىدىغان مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاخبارات – تەشۋىقات خىزمىتى مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيەت ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشى، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك. ئاساسلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، يېڭى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۇسۇل، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قايىل قىلارلىق تىل ۋە ئۇسۇل بىلەن خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەڭرىتاغ سەپىرى، تەڭرىتاغ مۇھىت ئاسراش سەپىرى، نۇقتىلىق قانۇن چىقىرىش ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەرنى تەشۋىق قىلىشنى ئەستايىدىل تەشكىللەش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ۋە ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ئاخبارات – تەشۋىقات، جامائەت پىكرى خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى، مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ يۇڭمىن، ما مىڭچېڭلار يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر