باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جىلىن ئۆلكىسىنىڭ جۇڭگو تېبابەت دورىلىرى 13-بەش يىللىق پىلانى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس پىلانىغا كىرگۈزۈلدى

2016.04.07 14:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا، جىلىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت جۇڭگو تېبابەت دورىلىرى 13-بەش يىللىق پىلانىنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس پىلانىغا كىرگۈزگەن، تونۇشتۇرۇلۇشىچە كونكرېت تەدبىرلەر بىرقانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن:

  بىرىنچى، ھۆكۈمەتنىڭ ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىلىرىغا سېلىنما ئاجرىتىش ياردەم بېرىش سىياسىتىنى تەپسىلىلەشتۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىلىرى جۇڭگو تېبابىتى ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەل كۆرسىتىپ داۋالىنىش مۇلازىمىتىنى ئالدىن كېسەل كۆرسىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش.

  ئىككىنچى، مالىيە سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، 13-بەش يىلدا پۈتۈن ئۆلكىدىكى ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇل ئەسلدە قۇرۇلۇشىنى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمىگە يەتكۈزۈش، 2016-يىلى ئۆلكە دەرىجىلىك مالىيە سېلىنمىسىنى 9 مىليون يۈەنگە يەتكۈزۈش، پۈتۈن ئۆلكىدە ئالتە ناھىيە دەرىجىلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىلىرىدا جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى ئالاھىدە ياشانغانلار كۈتۈنۈش مەركىزى قۇرۇش.

  ئۈچىنچى، داڭلىق، كونا جۇڭگو تېبابىتى خىزمەت ئۆيى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ،داڭلىق كونا جۇڭگو تېبابىتى تېۋىپلىرىنىڭ شاگىرت تەربىيەلىشىگە ئىلھام بېرىش، جىلىن ئۆلكىسى ياش مۇنەۋۋەر جۇڭگو تېبابىتى كىلىنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش تۈرىنى باشلاش ۋە يولغا قويۇش، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىغا ئالاقىدار نۇقتىلىق كەسىپلەرنى تەسىس قىلىپ، ئۆلكە دەرىجىلىك جۇڭگو تىبابىتى دورىلىرى نۇقتىلىق كەسىپلىرىنى تاللاپ چىقىش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر