31-مارت، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋاشىنگتوندا كورېيە زۇڭتۇڭى پارك گيۇنخاي بىلەن كۆرۈشتى.
31-مارت، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋاشىنگتوندا كورېيە زۇڭتۇڭى پارك گيۇنخاي بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كورېيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 24 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر مۇقىم، تېز تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-كورېيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى باشتىن-ئاخىر ئەتراپ دىپلوماتىيەسىدىكى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. نۆۋەتتە، مەن زۇڭتۇڭ پارك گيۇنخاي بىلەن ھاسىل قىلغان بىر قاتار مۇھىم ئورتاق تونۇشلار ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلىشىپ، نۇرغۇن ئاكتىپ نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو-كورېيە مۇناسىۋىتىنى ئوبدان قوغداش، ئوبدان مۇستەھكەملەش، ئوبدان تەرەققىي قىلدۇرۇش ـــ بىزنىڭ زىممىمىزدىكى ئورتاق تارىخىي بۇرچ. جۇڭگو تەرەپ كورېيە تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشتە ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.