باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىرلىكتە يادرو خەۋپسىزلىكىنى كۈچەيتىدۇ

2016.04.06 18:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  4 – نۆۋەتلىك يادرو خەۋپسىزلىكى باشلىقلار يىغىنى 31 – مارتتىن 1 – ئاپرېلغىچە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلدى. باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا جۇڭگو دۆلەت ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە تەسىس قىلغان يادرو خەۋپسىزلىكى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا يادرو خەۋپسىزلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىش ھەمكارلىقى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىشىگە ياخشى ئاساس سېلىپ بەردى.

  بېيجىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمىدا ئامېرىكا ئېنېرگىيە مىنستىرى مونىز مۇنداق دېدى: دۇنياۋى ئۈلگە كۆرسىتىدىغان بۇ مەركەز جۇڭگو، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى، ھەتتا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يادرو خەۋپسىزلىكى خادىملىرىنى تەربىيەلەيدۇ ۋە تېخنىكا ئالماشتۇرىدۇ. بۇ ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ يادرو خەۋپسىزلىكىنى قوغداش جەھەتتە ھەمكارلاشقانلىقىنىڭ ئۈلگىسى.

  بۇ مەركەز ھازىرغىچە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىپ قۇرغان يادرو ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ ھەمكارلىق تۈرى ھەم ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ يادرو خەۋپسىزلىكى بويىچە ئالاقىلىشىش ۋە تەربىيەلەش مەركىزىدۇر. جۇڭگو دۆلەت ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ليۇ يۇڭدېنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ مەركەز ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، جۇڭگو ۋە ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنى ئاساس قىلىپ، يىلدا 2000 دەك كىشىنى تەربىيەلەيدىكەن. فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شېن دىڭلى مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىدا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى بار، ئۇنىڭدا يادرو پارچىلىنىشى ۋە رادىيوئاكتىپلىق ماددىلار بار. بۇ ئىككى دۆلەت بۇ ماتېرىياللارنىڭ تېررورچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇڭا ئىككى تەرەپنىڭ تەلىپى بىردەك بولۇپ، پۇرسەت تېپىپ ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلىكتە تەسىس قىلغان يادرو خەۋپسىزلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى دەل بۇنىڭ مىسالى.

  2010 – يىلى 4 – ئايدا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك يادرو خەۋپسىزلىكى باشلىقلار يىغىنىدا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگودا بىرلىكتە يادرو خەۋپسىزلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇشنى قارار قىلغانىدى. 4 – نۆۋەتلىك يادرو خەۋپسىزلىكى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقاندا مونىز: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ يادرو خەۋپسىزلىكى باشلىقلار يىغىنىدا ئىككى دۆلەتنىڭ يادرو خەۋپسىزلىكى جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى قانداق قىلغاندا يەنىمۇ راۋاجلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل، دېدى.

  يادرو خەۋپسىزلىكى باشلىقلار يىغىنى يادرو خەۋپسىزلىكىنى تەشەببۇس قىلىش، شۇنداقلا تېررورلۇققا زەربە بېرىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئالدىنقى ئۈچ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 2010 – يىلى 4 – ئاي، 2012 – يىلى 3 – ئاي ۋە 2014 – يىلى 3 – ئايدا ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون، كورېيەنىڭ سېئول ۋە گوللاندىيەنىڭ گائاگادا ئېچىلغانىدى. بۇ مەزگىلدە مۇتەخەسسىسلەر مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى ھەر نۆۋەتلىك يادرو خەۋپسىزلىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ كەلدى. بۇ، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ يادرو خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ۋە جۇڭگو – ئامېرىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى كېننىدى سىياسىي ئىنستىتۇتىنىڭ يادرو خەۋپسىزلىكى ساھەسىدىكى پىروفېسسورى ماسېۋ باگن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يادرو خەۋپسىزلىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى ئىنتايىن مۇھىم ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو يادرو خەۋپسىزلىكى ساھەسىدە نۇرغۇن ئورتاق تونۇشقا ئىگە، ئىككى دۆلەت ئىنتايىن ياخشى ھەمكارلىشىۋاتىدۇ.

  رەئىس شى جىنپىڭ 2014 – يىلى گوللاندىيەنىڭ گائاگادا ئۆتكۈزۈلگەن 3 – نۆۋەتلىك يادرو خەۋپسىزلىكى باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، جۇڭگونىڭ يادرو خەۋپسىزلىكى قارىشىنى تۇنجى قېتىم شەرھلەپ مۇنداق دېگەنىدى: يادرو خەۋپسىزلىكى دۇنيا خاراكتېرلىك تېما. ئەگەر بىرەر دۆلەتتە يادرو ماتېرىيالى يوقاپ كېتىدىكەن، پۈتكۈل دۇنيا خەتەر ئىچىدە قالىدۇ. يادرو خەۋپسىزلىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق توغرا كېلىدۇ.

  ئوباما ئامېرىكىغا زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان دەسلەپكى مەزگىللەردىلا يادرو تېررورلۇقىنى خەلقئارا خەۋپسىزلىكىدىكى مۇھىم تەھدىتلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىغان ھەم ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، دۇنيانىڭ يادرو خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى بىرلىكتە كۈچەيتىشىنى مۇراجىئەت قىلغانىدى.

  مۇشۇنداق ئورتاق تونۇش ئاساسىدا ئىككى تەرەپنىڭ ‹‹ئىككى دۆلەتنىڭ يادرو خەۋپسىزلىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشى، دۇنيانىڭ يادرو خەۋپسىزلىكى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يادرونى كېڭەيتمەسلىككە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى›› رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشتىكى نەتىجە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. باگن مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتكىلى بولىدۇ، ئالايلى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا شەرقىي ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يادرو خەۋپسىزلىكى خادىملىرىنى بىرلىكتە تەربىيەلەپ، شەرقىي ئاسىيا رايونلىرىنىڭ يادرو خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارىنى كۈچەيتسە بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر