باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى دائىرىلىك مۇھاپىزەت قىلىش نۇقتىسىدىن بەشى كۆپەيتىلدى

مۇھاپىزەت نۇقتىسىدا بارلىق ئېچىش پائالىيىتى مەنئى قىلىنىدۇ

2016.04.06 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى مۇھاپىزەت قىلىش نۇقتىسىدىن يېڭىدىن بەشى كۆپەيتىلگەن بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم بۇرچىن ناھىيەسى، مورى ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى ۋە باغراش ناھىيەسى ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى دائىرىلىك مۇھاپىزەت قىلىشقا ياردەم بېرىش سىناق نۇقتىسى ناھىيە (شەھەر)سى 17گە ، دائىرىلىك قوغداش كۆلىمى 3 مىليون 625 مىڭ 500 موغا يەتكەن.

  دۆلەتنىڭ قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى دائىرىلىك مۇھاپىزەت قىلىش تولۇقلىما ياردىمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى 2013 - يىلى رەسمىي باشلانغان. ئاپتونوم رايونىمىزدىن تۇنجى تۈركۈمدە چەرچەن، شايار، قاراقاش، پىچان، قۇمۇل، ماناس قاتارلىق ئالتە ناھىيە (شەھەر) نۇقتىدا سىناق قىلىنغان ناھىيە (شەھەر) بولغان. 2015 - يىلى جىمىسار، ئاۋات، يوپۇرغا، جېمىنەي، چىرا، چاقىلىق قاتارلىق ئالتە ناھىيە (شەھەر) قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى دائىرىلىك مۇھاپىزەت قىلىش ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويغان.

  ئورمانچىلىق نازارىتى قۇمنى تىزگىنلەش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى جايلار قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قۇمنى تىزگىنلەش خىزمىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ، قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى دائىرلىك قوغداش ئۈچۈن ھەر بىر ناھىيەگە 20 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى بېرىلىپ، « 13 ـ بەش يىل» دا كۆپ قىسىم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى نۇقتىلىق ناھىيە (شەھەر)لەر سىناق نۇقتىسى قىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنى يارىتىلىپ، بىر قىسىم باشقۇرغۇچى خادىملار تەكلىپ قىلىنىپ ئىشلىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر