باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەي شەھەرلىك يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىك كومىتېتى ئىشخانىسى: مۇناسىۋەتلىك ئۆلكىلەر ماسلىشىپ، ساختا «ئاببوت» سۈتسىمان پاراشوكىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرىدۇ

2016.04.05 16:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاپرېل، شاڭخەي شەھەرلىك يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىك كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار پاش قىلغان 17 مىڭ قۇتا ساختا سۈتسىمان پاراشوك دىلوسىغا قارىتا، شاڭخەي شەھەرلىك يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىك كومىتېتى ئىشخانىسى مۇناسىۋەتلىك يەتتە ئۆلكىنى ماسلاشتۇرۇپ، ساختا سۈتسىمان پاراشوكنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈۋېتىپتۇ.

  سەل ئىلگىرى، شاڭخەي شەھەرلىك ج خ تارماقلىرى ساختا «ئاببوت» سۈتسىمان پاراشوكى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش دىلوسىنى پاش قىلغان بولۇپ، تەپتىش ئورگانلىرى دىلوغا چېتىشلىق ئالتە جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان.

  شاڭخەي شەھەرلىك يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىك كومىتېتى ئىشخانىسى گوۋويۈەن يېمەكلىك ۋە دورا بىخەتەرلىك كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، ج خ تارماقلىرىغا ياردەملىشىپ، مۇناسىۋەتلىك يەتتە ئۆلكىنى ماسلاشتۇرۇپ، ساختا سۈتسىمان پاراشوكنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ توردا سېتىلغان ساختا سۈتسىمان پاراشوكنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش بىلەن بىللە، ساختا سۈت پاراشوكى جىنايەت قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  2015-يىلى 9-ئايدا، شاڭخەي شەھىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ دىلو مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، بىر قانچە جىنايەت گۇماندارى نۇرغۇن داڭلىق سۈتسمان پاراشوكلارنى تەقلىد قىلىپ ياسىغان ھەم دەرىجىسى تۆۋەن، ئەرزان ياكى بوۋاقلارنىڭ بولمىغان سۈتسىمان پاراشوكلارنى سېتىۋېلىپ، ساختا داڭلىق ماركىلىق سۈتسىمان پاراشوكلارنىڭ قۇتىسىغا قاچىلاپ، مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن ئۆلكە-شەھەرلەرگە سېتىپ، بىر قەدەر چوڭ تەسىر پەيدا قىلغان.

  يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى باياناتچىسى: دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، شاڭخەي شەھەرلىك ج خ تارماقلىرى تەكشۈرۈپ قولغا چۈشۈرگەن ساختا سۈتسىمان پاراشوكلارغا قارىتا سۈپەت تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغانلىقىنى، مەھسۇلات دۆلەت ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان بولۇپ، بىخەتەرلىك خەۋپى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر