باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىل مائارىپ–خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا 6 مىليارد يۈەن ئاجرىتىدۇ

2016.04.07 14:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رەناگۈل خۇدابەردىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون نۇقتىلىق مائارىپ – خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرىنى يولغا قويىدىكەن. يەنى چېگرا بويىدىكى، نامرات رايونلاردىكى يېزا ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈچۈن 1900 يۈرۈش ياتاق سالىدىكەن، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تولۇقلىمىسى بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 470 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا تولۇقلىما بېرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، مائارىپ – خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى تۈرىدە يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى ئاجىز مەكتەپلەرنى ئۆزگەرتىش پىلانى؛ يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپ باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى؛ ھەقسىز پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەش پىلانى؛ ئالىي مەكتەپلەردىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەييارلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوقۇش پۇلى، ياتاق پۇلى ياردىمى بېرىش سىياسىتى؛ ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى مائارىپ تەرەققىياتىنى يۆلەش سىياسىتى؛ ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مائارىپقا ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارمۇ بار ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر