باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكى موڭغۇل ساياھەتچىلەرگە بىخەتەرلىك جەھەتتىن ياردەم بەردى

2016.04.07 14:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەتىيازلىق ئىستىراھەت پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى باياننۇر شەھىرى ئورمانچىلىق رايونىدا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغان كىشىلەرنى قۇتقۇزۇش پونكىتى يېقىندا ئىشقا كىرىشىپ، ساياھەتچىلەرگە بىخەتەرلىك جەھەتتىن ياردەم بەردى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قۇتقۇزۇش پونكىتى شۇ جايدىكى داڭلىق ئۇلار تېغى دۆلەتلىك ئورمانچىلىق باغچىسىدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئورمان جامائەت خەۋپسىزلىكى ساقچىخانىسى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن، ئىچىدە قىيىنچىلىققا يولۇققان كىشىلەر ئارام ئېلىش ئۆيى، دورىخانا قاتارلىق قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى سەپلەنگەن.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدا ساياھەتچىلەر ئورمانلىق رايونىدا قاپسىلىپ قېلىش ئەھۋاللىرى پات-پات يۈز بېرىدىغان بولدى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ غەربىدىكى بۇ جاي ساياھەت، جامائەت خەۋپسىزلىكى، سەھىيە، ئوتتىن مۇداپىئە كۆرۈش قاتارلىق تارماقلارنىڭ ھەمكارلىق بىرلەشمە مېخانىزمىنى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىپ، ئەڭ دەسلەپ نەق مەيداندا بېرىپ ساياھەتچىلەرنى قۇتقۇزۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئورمانلىقتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارنى قۇتقۇزۇش پونكىتلىرىنى قۇرۇشنى پىلانلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر