- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چېڭدۇ شەھىرى بۇ يىل ئوقۇتقۇچىلار كادىرلار ئىشلىرى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويىدىكەن
2016.04.07 14:55 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ 5-ئاپرېل چېڭدۇ شەھىرىدىكى مائارىپ تارماقلىرىدىن ئوقۇشىچە، چېڭدۇ شەھىرى بۇ يىل ئوقۇتقۇچىلار كادىرلار ئىشلىرى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەمۇرىي دەرىجىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قوللايدىكەن.
چېڭدۇ شەھىرى يەنە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋان باھالىشىنى بىرلەشتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىۋېتىپتۇ، يەنى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردە كاندىدات ئالىي دەرىجىلىك ئورۇننىڭ نىسبىتى كۆپەيتىلىدىكەن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كاندىدات ئالىي دەرىجىلىك ئۇنۋانىنى باھالاشتا، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ئىپادىسى ۋە خىزمەت ئۈنۈمىگە ئېتىبار بېرىلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر