باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 13 نۇقتىلىق تۈرىدە ئىش باشلاندى

2016.04.07 14:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  داخېيەن سۇ باشلاش قۇرۇلۇشى، شەرقىي جۇڭغار جەنۇبىي ئەنخۇي 1100± كىلوۋولتلۇق ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، 3 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 13 نۇقتىلىق تۈردە ئىش باشلىنىپ، قۇرۇلۇش باشلانغان تۈرلەر بۇ يىل پىلان بويىچە يېڭىدىن باشلىنىدىغان 60 نۇقتىلىق تۈرنىڭ %21.6 ىنى ئىگىلىدى.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش 2 – لىنىيەسىنىڭ 1 – قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق 139 تۈردە قايتا ئىش باشلىنىپ، داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ %57.9 ىنى ئىگىلىدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز ئورۇنلاشتۇرغان نۇقتىلىق تۈردىن 440 ى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، قۇرۇلۇش قىلىنىۋاتقان تۈردىن 240ى، يېڭىدىن باشلانغان تۈردىن 60 ى، تەييارلىق قىلىنىۋاتقان تۈردىن 140 ى بار ئىكەن، بۇنىڭغا 300 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىدىكەن. نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ كەسىپلەرگە ئايرىلىشىدىن قارىغاندا، ئۇل ئەسلىھە تۈرىدىن 223 ى بار بولۇپ، بۇنىڭغا بۇ يىل 163 مىليارد 400 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن؛ سانائەت تۈرىدىن 96 سى بار بولۇپ، بۇ يىل 80 مىليارد 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن؛ خەلق تۇرمۇشى تۈرىدىن 121 ى بار بولۇپ، بۇ يىل 66 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىكەن.

  بۇ يىل نۇقتىلىق تۈرلەر داۋاملىق سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تۈرلەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى چۆرىدەپ ئالدىن ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نۇقتىلىق ئۇل ئەسلىھەلەردە ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇش، جۇڭگو – ياۋروپا يۈك پويىزى كونتېينېرلىرىنى توپلاش مەركىزى قاتارلىق ھالقىلىق قۇرۇلۇشلار چىڭ تۇتۇلۇپ، تۈرلەرنىڭ ئالدىنقى قارارلىق خىزمەتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش تېزلىتىلىدۇ، ئېنېرگىيەنىڭ ‹‹ئۈچ بازا، بىر يول››، ‹‹بەش چوڭ مەركەز›› قاتارلىق بىر تۈركۈم تۈرلەرنىڭ باشلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر