باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شۈ شياۋشى13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە زور تەدبىرلىرىنى تونۇشتۇردى

2016.04.07 14:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگان خىزمىتى كومىتېتى، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى سىياسىي خىزمىتى بۆلۈمى، بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم بېيجىڭدا 13- بەش يىللىق پىلانغا نەزەر يۈرۈشلۈك دوكلات يىغىنىنىڭ تۇنجى مەيدان دوكلات يىغىنى ئېچىپ، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى شۈ شياۋشىنى 13- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانى ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە زور تەدبىرلىرى ئۈستىدە دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلدى.

  شۈ شياۋشى دوكلات بېرىپ مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: 13- بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى ۋە زور تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ماكرو جەھەتتىن تەڭشەپ كونترول قىلىشتا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ دەرىجىسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى كۈچەپ كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئوتتۇرا يۇقىرى سۈرەتتە ئېشىشىنى ساقلاش؛يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ كۆپ تايىنىش، ئۈستۈنلۈككە ئىگە يېتەكچىلىك تىپىدىكى تەرەققىياتنىڭ رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇش؛ كەسىپلەرنىڭ ئوتتۇرا يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، زور يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ،ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى كەسىپلەرنىڭ يېڭى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تىزلىتىش؛ شەھەر يېزىلارنىڭ تەڭكەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادەم يادرو قىلىنغان يېڭىچە شەھەر بازارلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، بىر بەلباغ بىر يول قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ تيەنجىن،خېبېينىڭ تەڭكەش تەرەققىياتى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىسادىي بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش؛ تەرەققىيات يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلىق ئىسلاھاتلاردا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش؛ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا كۈچەپ كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بارلىق خەلقنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە بىرلىكتە قەدەم تاشلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر