باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«2015-يىللىق جۇڭگونىڭ بەخت، ھاللىق سەۋىيە كۆرسەتكۈچى» ئېلان قىلىندى

2016.04.07 14:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «2015-يىللىق جۇڭگونىڭ بەخت، ھاللىق سەۋىيە كۆرسەتكۈچى»نى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، جۇڭگودىكى بەخت تۇيغۇسى ئەڭ كۈچلۈك 10 كەسىپ رەت تەرتىپى بويىچە: ئەركىن كەسىپتىكىلەر، ئوقۇتقۇچى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، سەنئەت خادىمى، ئادەتتىكى مەمۇر، ساياھەت يېتەكچىسى، پۇقراۋىي كارخانىچى، بەدەن چېنىقتۇرۇش تىرېنېرى، ئارتىس، ئىگىلىك تىكلىگۈچى ئىكەن.

  ئەركىن كەسىپتىكىلەرنىڭ بىرىنچى ئورۇنغا تىزىلىشىدىن كىشىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتى بىر قەدەر كەڭ-كۇشادە كەسىپنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ ئىككىنچى ئورۇنغا تىزىلىشى تالاش-تارتىش قوزغىماي قالمايدۇ، تاراتقۇلار: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەخت تۇيغۇسى بالىلارنى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش، ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش، يازلىق، قىشلىق تەتىلى بولۇشتەك خىزمەت قانۇنىيىتىدىن كېلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ھۆكۈمەت ئەمەلدارى ئۈچىنچى ئورۇنغا، ئادەتتىكى مەمۇر بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغان، چۈنكى بۇلارنىڭ كىرىمى مۇقىم، جەمئىيەتتە بەلگىلىك ئورنى ۋە پاراۋانلىقى بولغاچقا بۇ ئىككى كەسىپ كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. بەدەن چېنىقتۇرۇش تېرىنېرىنىڭمۇ تىزىملىكتە بولۇشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلارنىڭ تەن ساغلاملىقىنى ۋە ياخشى بەدەن قۇرۇلمىسىنى ساقلىشى كىشىلەرنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىغان بولۇشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر