خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن پايتەختتە مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ بۈيۈك گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا تايىنىش كېرەك. «13-بەش يىل» مەزگىلى ھەم ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچى، ھەم ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم مەزگىل. ئورمانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار مەجبۇرەن كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە باشلامچىلىق بىلەن قاتنىشىپ، جەمئىيەتتە يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، ئالدىنقىلار كۆچەت تىكسە، كېيىنكىلەر سايىداش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆچەتنى كۆپ تىكىپ، ياخشى كۆچەتلەرنى تىكىپ، ياخشى پەرۋىش قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ تاغ-دەريالىرىنى كۆكەرتىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرۈشى كېرەك.
دالا-قىرلار گۈزەل تۈسكە كىرىپ، تورغايلار پەرۋاز قىلدى، باھار مەنزىرىسى ھەممە جاينى قاپلىدى، كۆچەت تىكىپ ئورمان بىنا قىلىشنىڭ ياخشى پەسلى يەنە كەلدى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى قاتارلىقلار ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ داشىڭ رايونى شىخۇڭمېن بازىرىدىكى كۆچەت تىكىش نۇقتىسىغا كەلدى.
250 مو كېلىدىغان بۇ ئوچۇقچىلىقتا ئەسلىدە ئەشيا ئوبوروتى قورۇسى، ئارىلاشتۇرۇش پونكىتى قاتارلىق تۆۋەن سەۋىيەلىك كارخانىلار بار ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بېيجىڭنىڭ ئىقتىدارىنى تەرتىپلىك تەڭشەشنى تەلەپ قىلىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلما ۋە بوشلۇق قۇرۇلمىسىنى تەڭشىدى. بېيجىڭ شەھىرى بۇ تەلەپكە ئاساسەن، بۇ يەردىكى تۆۋەن سەۋىيەلىك كارخانىلارنى توختىتىپ، ئوچۇق بەلباغسىمان باغچىلارنى پىلانلىق ئۆزگەرتىپ قۇرۇپ، بېيجىڭنى ئىككىنچى قاتاردىكى كۆكەرتىش رايونىغا كىرگۈزدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى