باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدە ھايات قالغانلار قازا قىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈردى

2016.04.07 14:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپون ئارمىيەسىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدە قازا قىلغان قېرىنداشلار خاتىرە سارىيىدىكى قازا قىلغانلار تىزىملىكى تېمى ئالدىدا، چوڭ قىرغىنچىلىقتا ھايات قالغانلارنىڭ 10 نەچچە تۇغقىنى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ 30 نەچچە تۇغقىنى بىرلىكتە تەزىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ياپون ئارمىيەسىنىڭ زوراۋانلىقىدا قازا قىلغان تۇغقانلىرىنى ياد ئەتتى.

  نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدە ئامان قالغانلاردىن شياڭ يۈەنسۇڭ قىرغىنچىلىقتا ئىككى تۇغقىنىدىن ئايرىلىپ قالغان، ئۇ قايغۇرغان ھالدا: شۇ ئېچىنىشلىق پاجىئە ئائىلىمىزگە قاتتىق زەربە بولدى ۋە بىزنى قايغۇغا سالدى، بۈگۈنكى قەدەر ئۇلارنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنتۇپ قالغىنىمىز يوق، دېدى.

  ياپونىيەلىك دوست ئەرباب ماتسۇكا «ئەستە چىڭ ساقلاش جەمئىيىتى.نەنجىڭ» نىڭ ۋەكىلى، ئىلگىرى ئائىلە ئايالى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى ئىدى، ئۇ ئوقۇغۇچىلارغا «تىنچلىق تەربىيەسى» بەرگەندە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخ دەرسلىكىدىن نارازى بولۇپ، ئۆزى جۇڭگوغا كېلىپ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى ھەققىدە ئەلئارىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغان. ئۇ تەزىيە پائالىيىتىدە: تارىخنى ئۇنۇتمىغاندىلا، ئاندىن تىنچلىققا ئېرىشكىلى بولىدۇ، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر