باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر>>شى جىنپىڭ

شى جىنپىڭ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىردە لاياقەتلىك بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنى ھەر بىر پارتىيە ياچېيكىسىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

«ئىككىنى ئۆگىنىش، بىردە لاياقەتلىك بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، ليۇ يۈنشەن قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2016.04.07 13:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا پۈتۈن پارتىيەدە «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىردە لاياقەتلىك بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىردە لاياقەتلىك بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسى پارتىيەنىڭ ئىدىيىۋى، سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدىغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش، بولۇپمۇ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغىچە كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك تۇتقا بولۇپ، ئۆگىنىش-ئاساس، لاياقەتلىك بولۇش-ئاچقۇچتۇر، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىردە لاياقەتلىك بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇپ، قاتلاملارغا ئايرىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنىڭ يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە ئىدىيىۋى، سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ياخشى تەربىيەلەپ باشقۇرۇش مۇھىم ھالقا. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيىمىز ئىلگىرى-كېيىن پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلاردا بولۇپمۇ ناھىيە باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلاردا ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىدى. ئىدىيىۋى، سىياسىي قۇرۇلۇشنى بىرلا جەڭ بىلەن تاماملىغىلى بولمايدۇ. «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىردە لاياقەتلىك بولۇش» ئۆگىنىش، تەربىيەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا پارتىيە ئىچىدىكى تەربىيەنى «ھالقىلىق ئاز سانلىق»تىن بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەركەزلەشتۈرۈپ تەربىيەلەشتىن دائىملىق تەربىيەلەشكە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ماركسىزم مەيدانىنى مۇستەھكەملەپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيە، سىياسەت، ھەرىكەتتە باشتىن-ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق، پارتىيىمىزنى غايىلىك، ئېتىقادلىق ماركسىزم پارتىيەسىگە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر