باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بۇ يىل 26 مىڭ 627 ئىختىساس ئېگىسىگە ئېھتىياجلىق ئىكەن

مائارىپنىڭ ئىھتىياجى ئەڭ كۆپ ئىكەن

2016.04.06 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 2016 - يىلى جىددى كەمچىل ئىختىساسلىقلار 26 مىڭ 627 بولۇپ، 2011 - يىلىدىكىدىن7778 ئادەم ئېشىپ، % 41.3 كۆپەيگەن. ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە مائارىپ ساھەسىنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئەڭ كۆپ بولغان. قەشقەر رايونىنىڭ ئىختىساسلىقلار ئېھتىياجى ئەڭ يۇقىرى بولغان؛ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1379 ئادەم ئازايغان.

  ئىختىساسلىقلار ئەڭ قىس بولۇۋاتقان قەشقەر ۋىلايىتى 5620 ئادەمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئېھتىياج ئومۇمىي سانىنىڭ % 21.1 ىنى ئىگىلىگەن؛ ئۇنىڭدىن قالسا خوتەن ۋىلايىتى بولۇپ،4897 ئادەمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئېھتىياج ئومۇمىي سانىنىڭ % 18.4 ىنى ئىگىلىگەن؛ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يىل ئىختىساسلىقلار ئېھتىياجى پەقەت 236 ئادەم بولۇپ، ئېھتىياج ئومۇمىي سانىنىڭ % 0.9 ىنى ئىگىلەپ، ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج ئالدىنقى يىلدىكىدىن 1379 ئادەم ئازايغان.

  ساھەلەر بويىچە 20 كەسىپنى ئىستاتىستىكا قىلغاندا، مائارىپ كەسپى 7934 ئادەمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ % 29.8 ىنى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 3759 ئادەم كۆپەيگەن؛ ئۇنىڭدىن قالسا سەھىيە، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كەسپى 6964 ئادەمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئېھتىياج ئومۇمىي سانىنىڭ % 26.2 ىنى ئىگىلەپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 2796ئادەم كۆپەيگەن؛ ياسىمىچىلىق كەسىپلىرى 2510 ئادەمگە ئېھتىياجلىق بولۇپ، ئېھتىياج ئومۇمىي سانىنىڭ % 9.4 ىنى ئىگىلەپ، ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغان.

  ئالاقىدار خادىم تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج ئەھۋالى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ «13 ـ بەش يىللىق» تەرەققىيات يىرىك پىلانى ۋە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ تەلىپى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق كەسىپ، ساھە، دائىرە، تۈر، پەن قاتارلىق قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى بىر قەدەر چوڭ بولماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر