- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
چەرچەن ناھىيەسىدە 7774 دېھقان–چارۋىچى ئائىلىسى سەرخىل رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىدىن بەھرىمان بولدى
2016.04.06 15:08 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى)چەرچەن ناھىيەسى 2014-يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايوننىڭ «رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشى تۈرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ناھىيە تەۋەسىدىكى يېڭىئۆستەڭ، تاتىراڭ، ئاقتىكەندۆڭ، قوشساتما، ئاتچان، قۇراملىق، ئوييايلاق قاتارلىق يەتتە يېزا- بازاردىكى 7774 دېھقان–چارۋىچى ئائىلسىگە رادىيو-تېلېۋىزىيە سىگنالىنى قۇبۇللاش ئۈسكۈنىسىنى ئورنىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى سەرخىل رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىردىن بەھىرىمان بۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى .
ئىگىلىنىشچە، چەرچەن ناھىيەسىدە 2014 -يىلدىن ھازىرىغا قەدەر 7774 دېھقان-چارۋىچى ئائىلىسىگە رادىيو-تېلېۋىزىيە سىگنالىنى قوبۇللاش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، دېھقان-چارۋىچىلار ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى 48 يۈرۈش رادىيو پىروگىراممىسى، 64 يۈرۈش تېلېۋىزىيە قانىلى پىروگراممىلىرىدىن بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان.سۈرەتتە: ناھىيەلىك مەدەنىيەت–تەنتەربىيە، رادىيو –كىنو –تىلىۋىزىيە ئىدارسىدىكى تېخنىكلار يېڭىئۆستەڭ يېزىسىنىڭ ئەكەچ تېرىم كەنتىدە رادىيو-تېلېۋىزىيە سىگنالى قوبۇللاش ئۈسكۈنىسى ئورناتماقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر