باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ ئوقۇشلۇقى (2016-يىللىق نەشرى)»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەش كېرەك

2016.04.06 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى بىرلىكتە «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ ئوقۇشلۇقى(2016-يىللىق نەشرى)»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ئىزچىللاشتۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سۆزنىڭ روھى بىلەن مېڭىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 2014-يىلى 6-ئايدا نەشىر قىلىنغان «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ ئوقۇشلۇقى» دېگەن كىتاب ئاساسىدا مەزمۇنىنى تېخىمۇ تولۇقلاپ ۋە بېيىتىپ، «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ ئوقۇشلۇقى (2016-يىللىق نەشرى)»نى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئوقۇشلۇق» دېيىلىدۇ) تۈزۈپ نەشىر قىلدى. «ئوقۇشلۇق» 16 مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، ئىلمىي مەزمۇنى، ئاساسىي نۇقتىئىنەزىرى، روھىي ماھىيىتى ۋە ئەمەلىي تەلىپى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەپەككۇرى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك، توغرا شەرھىلىگەن، بۇ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ باش شۇجىنىڭ سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشىدىكى ياردەمچى ماتېرىيال. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر