باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ «ئالتۇن كۈز قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويىدۇ

2016.04.06 14:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ياشانغانلار ئېقىمىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ «ئالتۇن كۈز قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياشانغانلارنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سېستىمىسىنى مۈكەممەللەشتۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى پەن يوڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەھەللە، ئائىلە، يېزىلاردىكى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقى يەنىمۇ ئاشۇرۇلۇپ، شەھەر، مەھەللىلەردىكى ئۆيدە كۈتۈنۈش مەركىزى مۇلازىمەت قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، يېزىلاردىكى يېزا بەخت ساناتورىيەسى قۇرۇلۇشى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلق ئىشلىرى نازارىتى يەنە ھۆكۈمەت قۇرغان كۈتۈنۈش ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت قۇرغان كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ ياشانغانلار، ئەقلى ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قالغانلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ياشانغانلارنىڭ ئىقتىدارىنى باھالاش ئىجازىتى ۋە كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمىتىنى باھالاش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى پاراۋانلىق رايونى خەلق ئىشلىرى پاراۋانلىق ئورنىدا بېقىلىدىغان ئوبيېكت ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئاساسىدا، قۇرۇق كارىۋاتلارنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئىجتىمائىيلاشقان ياشانغاندا كۈتۈنۈش، داۋالىنىش قىيىن بولۇشنى تېزدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرى نازارىتى بۇ يىل داۋالاش بىلەن كۈتۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، سەھىيە تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە داۋالاش ۋە كۈتۈش بىرلەشتۈرۈلگەن نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ياشانغانلارنى كۈتۈش ئورنى ۋە پەرۋىش قىلىش تىپىدىكى كارىۋات قۇرۇلۇش ئۆلچىمىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىپ، پەرۋىش قىلىش تىپىدىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شارائىتى يار بېرىدىغان كۈتۈنۈش ئاپپاراتى ئىچىدە داۋالاش ئاپپاراتى تەسسىس قىلىپ، كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرى بىلەن سەھىيە ئاپپاراتلىرىنى مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالاشقا يېتەكلەپ، ياشانغانلارغا داۋالىنىشتا « يېشىل كارىدور » بەرپا قىلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇلتۇر ئاپتونوم رايون ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زورايتىپ، پۈتۈن يىلدا 737 ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئەسلىھەسىنى يېڭىدىن قۇرغان ۋە كېڭەيتىپ ئۆزگەرتكەن. يېقىندا، ئاپتونوم رايونىمىزدا ياشانغاندا كۈتۈنۈش كارىۋات سانى 60 مىڭدىن ئېشىپ، ھەر 1000 ياشانغان كىشىگە 27 كارىۋات توغرا كەلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر