باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار سىياسەت-ھۆججەتلەرنى بىكار قىلىپ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكلىرىگە باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى تۆۋەنگە چۈشۈردى

2016.04.06 13:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تور بېكىتىدە ئۇقتۇرۇش قىلىپ، دەرسلىك باھاسى ۋە بىر قىسىم مۇلازىمەتلەردە ھەق ئېلىش سىياسەت-ھۆججەتلىرىنى بىكار قىلىشنى قارار قىلدى .

  بۇ قېتىم بىكار قىلىنغانلار ئىچىدە « دۆلەت مال باھا ئىدارىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەدلىيە سىستېمىسى مەمۇرىي، كەسپىي ھەق ئېلىش تۈرلىرى ۋە ئۆلچىمى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»، « دۆلەت تەرەققىيات-پىلان كومىتېتى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش ئۆلچىمىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»، « دۆلەت پىلان كومىتېتى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئاخبارات-نەشرىيات باش مەھكىمىسى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكلىرىنىڭ باھاسىنى باشقۇرۇش چارىسىنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» قاتارلىق توققۇز ھۆججەت بار.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى جايلاردىكى باھا باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە، مۇشۇ ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن بىكار قىلىنغان باھا ۋە ھەق ئېلىش سىياسىتىدە بېكىتىلگەن ھۆججەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى، ئۆز رايونىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان دۆلەت بەلگىلىگەن ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى ۋاقتىدا بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە جىنايى ئىشلار بويىچە ئاقلاش ۋە بىر قىسىم ھەق تەلەپ دەۋاسى، مەمۇرىي دەۋا، دۆلەت تۆلەم دېلوسىغا ۋەكالەتچىلىك قىلىشتىن باشقا ئادۋوكاتلار مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشنى قويۇۋەتتى ھەم دەرسلىك باھاسى، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش، ئەدلىيەلىك باھالاش مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش ھوقۇقىنى ئۆلكە دەرىجىلىكنىڭ باشقۇرۇشىغا چۈشۈردى. ئۆلكە دەرىجىلىك باھا مەسئۇل تارمىقى ئىستاتىستىكا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە دەرسلىكىنىڭ باھاسى ۋە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش ئۆلچىمىنى تۈزىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر