باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

500 دىن كۆپ كىشى تۇرپان يارغول قەدىمىي شەھىرىدە مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى

2016.04.06 14:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاپرېل سائەت 12دە، يىپەك يولى خەلقئارا مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى تۇرپان يارغول قەدىمىي شەھىرى پونكىتىدا باشلاندى، 529 كىشى مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملىتىپ، شىنجاڭنىڭ ھەر نۆۋەتلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئىچىدە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قاتناشقان ماھىر ئەڭ كۆپ مۇسابىقە بولۇپ قالدى.مۇسابىقە تۈرلىرى پۈتۈن مۇساپىلىق مارافونچە يۈگۈرۈش، يېرىم مۇساپىگە مارافونچە يۈگۈرۈش ۋە چارەك مۇساپىگە مارافونچە يۈگۈرۈش قاتارلىقلارغا بۆلۈنگەن. مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقان ماھىرلار مەملىكەت بويىچە 13 ئۆلكە، شەھەر، رايوندىن كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭنىڭ سىرتىدىن 26 كىشى تىزىملاتقان. پۈتۈن مۇساپىلىق مارافونچە يۈگۈرۈش، يېرىم مۇساپىگە مارافونچە يۈگۈرۈشكە 454 ئادەم تىزىملاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە سەۋىيەسى دۆلەت ئىككىنچى دەرىجىلىكلەرنىڭ ئۆلچىمى 3سائەت 10 مىنۇتقا يېتىدىغانلار 10 ئادەمگە يېتىدىكەن، مۇسابىقىگە ئاپتونوم رايونىمىزدىن نۇرغۇن كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەر قاتناشقان بولۇپ، رىقابەت بىرقەدەر كەسكىن بولغان.

  ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يۈگۈرۈش تەنھەرىكىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، قاتنىشىدىغانلار كۆپىيىپ، مۇسابىقىلەر بارغانسېرى كۆپ ئۆتكۈزۈلۈپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشقا تۈرتكە بولغان. ئەڭ مۇھمى، ھەر مىللەت ماھىرلىرى، تاماشىبىنلار ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، تەڭ ئىلگىرىلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر