خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- ئاپرېل، ئامېرىكا كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ لوس - ئانژېلىستا ئەڭ تۆۋەن تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى قانۇن لايىھەسى قوللىغۇچىلىرى ۋە شىتات باشلىقى جېررى بران قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى. شۇ كۈنى، كالىفورنىيە شىتاتىنىڭ باشلىقى جېررى بران لوس ئانژېلېستىكى ئىشخانىسىدا 15 دوللار ئەڭ تۆۋەن تۆۋەن مائاش ئۆلچىمى قانۇن لايىھەسى ئىمزالىدى. قانۇن لايىھەسى كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، كالىفورنىيە قانۇندا بەلگىلەنگەن بويىچە، 2022 ـ يىلىدىن بۇرۇن ئەڭ تۆۋەن سائەتلىك ئىش ھەققى ھازىرقى ئون دوللاردىن ئون بەش دوللار كۆپىيىپ، سائەتلىك ئىش ھەققى ئامېرىكا بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولغان شىتات بولۇپ قالىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى