- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
رۇسىيە، ئامېرىكا، گېرمانىيە ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنى ناگورنو قاراباغ رايونىدا دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلدى
2016.04.06 08:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 4- ئاپرېل ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى، رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف شۇ كۈنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ۋە گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىتەيىن مېيىر بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشتى، ھەر قايسى تەرەپ ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنى ناگىرنو قاراباغ رايونىدا دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى، لاۋروف بىلەن كېررى تېلېفوندا سۆزلەشكەندە ناگىرنو قاراباغ رايونىدىكى قارشىلىشىشنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا مۇراجىئەت قىلدى. ئىككى تەرەپ رۇسىيە، ئامېرىكا، فىرانسىيە ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىسكى گۇرۇپپىسىنىڭ ئورتاق رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ناگىرنو قاراباغ رايونىدىكى توقۇنۇشنى كېلىشتۈرۈش يولىدا تىرىشىدۇ دېدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر