باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز تۇنجى مىكرو ئېغىرلىق كۈچى ئىلمىي تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

«ئەمەلىيەت -10» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ 19 تۈرلۈك ئىلمىي تەجرىبىنى تاماملىغاندىن كېيىن، يەر شارىغا قايتىپ كېلىدۇ

2016.04.06 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:6-ئاپرېل سائەت 1دىن 38مىنۇت ئۆتكەندە، ئېلىمىز جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە «ئۇزۇن سەپەر-2» ناملىق توشۇغۇچى راكېتا ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ تۇنجى مىكرو ئېغىرلىق كۈچى ئىلمىي تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھى--«ئەمەلىيەت-10» ناملىق قايتىپ كېلىش تىپىدىكى ئىلمىي تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى. سۈنئىي ھەمراھ ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربېتىغا كىردى، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

  «ئەمەلىيەت-10» ناملىق سۈنئىي ھەمراھ بوشلۇق ئىلمىي باشلامچى مەخسۇس تۈرىدىكى تۇنجى ئىلمىي تەجرىبە سۈنئىي ھەمراھى ئىچىدىكى بىردىنبىر قايتىپ كېلىش تىپىدىكى سۈنئىي ھەمراھ، ئاساسلىق ئىلمىي نىشانى−ئالەم بوشلۇقىدىكى مىكرو ئېغىرلىق كۈچى قاتارلىق ئالاھىدە مۇھىتتىن پايدىلىنىپ، مىكرو ئېغىرلىق كۈچى ئاقما جىسىم فىزىكىسى، مىكرو ئېغىرلىق كۈچى كۆيۈش، بوشلۇق ماتېرىيالى ئىلمىي، بوشلۇق رادىياتسىيە ئېففېكتى، ئېغىرلىق كۈچى بىيولوگىيە ئېففېكتى، بوشلۇق بىيو تېخنىكىسىغا چېتىلىدىغان ئالتە چوڭ ساھەدىكى 19 تۈرلۈك ئىلمىي تەجرىبىنى قانات يايدۇرۇش، ئاساسلىقى مىكرو ئېغىرلىق كۈچى شارائىتى ۋە بوشلۇق رادىياتسىيەسى شارائىتىدىكى جىسىم ھەرىكىتى ۋە ھاياتلىق پائالىيىتىنىڭ قانۇنىيەتىنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە ئېچىپ بېرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر