باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى

2016.04.05 09:08   مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

شى جىنپىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ يەر ۋاقتى 31-مارت ۋاشىنگتون يىغىن مەركىزىدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشتى.

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ يەر ۋاقتى 31-مارت ۋاشىنگتون يىغىن مەركىزىدە ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ھەم رايون مەسىلىلىرى ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئىككى تەرەپ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم يولنى بويلاپ داۋاملىق راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ھالسىز، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە بازىرىدا داۋالغۇش بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، ھەر قايسى دۆلەتلەر پۇلنىڭ رىقابەت خاراكتېرلىك كۇرسىنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق ئېكسپورتنى قوزغاتماسلىقى كېرەك. مەن ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشىنى داۋاملىق قوللاپ، يىغىنىدا ئىجابىي نەتىجە قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. يادرو بىخەتەرلىكى ـــ جۇڭگو-ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم يارقىن نۇقتىسى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا يادرو چوڭ دۆلەتلىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ يادرو بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشى-ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنى يادروسىزلاشتۇرۇشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، ئالاقىدار مەسىلىلەرنى سۆزلىشىش، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرىدۇ. بىز ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ چاۋشيەنگە ئالاقىدار قارارلىرىنى تولۇق، قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىش ئېھتىمالى بولغان ھەر قانداق سۆز-ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشنى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتى ۋە رايون ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالى بولغان ھەر قانداق تەدبىرلەرنى قوللانماسلىقىنى تەشەببۇس قىلىمىز.

  شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى قايتا تەكىتلەپ، ئامېرىكىدىن بىر جۇڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قوغداشنى تەلەپ قىلدى ھەم بۇمۇ جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا پايدىلىق دەپ تەكىتلىدى.

  ئوباما مۇنداق دېدى: مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋاشىنگتونغا 4-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىمەن، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەنلىكىمىدىن بەك خۇشالمەن. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ قويۇق يۇقىرى قاتلام ئۇچرىشىشىنى ساقلىشى ئىنتايىن پايدىلىق. مەن ئامېرىكىنىڭ تىنچ، مۇقىم، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەيمەن، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي سىياسىي مۇقىملىقى، ئىقتىسادىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى-جۇڭگونىڭ مەنپەئەتىگە، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ پايدىلىق. ئامېرىكا جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئىختىلاپلارنى ئىجابىي تىزگىنلەشنى خالايدۇ.

  ئوباما مۇنداق دېدى: ئامېرىكا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشى، جۈملىدىن تەمىناتنىڭ قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتى جەھەتتىكى تېرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنى تېخىمۇ تەڭشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنى ئوڭۇشلۇق ئۆتكۈزۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتكە يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئىجابىي ئۇچۇرنى تەڭ چىقىرىشىنى قوللايدۇ.

  ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى 3-بىرلەشمە باياناتىنى ئېلان قىلغانلىقى ھەم 22-ئاپرېل «پارىژ كېلىشىمى»گە تەڭ ئىمزا قويىدىغانلىقىغا يۇقىرى باھا بەردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو-ئامېرىكا يادرو بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى بىرلەشمە باياناتىنى ئېلان قىلىپ، 4-نۆۋەتلىك يادرو بىخەتەرلىكى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بۇ يىل شىنجاڭدىكى 10 ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ رايون ئاتلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·تۈركىيە ئالاھىدە ساقچى ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچراپ يەتتە ساقچى قازا قىلدى، 23 ئادەم يارىلاندى 
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2016-يىلى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قوب…
      ·تۈركىيە ئىككى يىل ئىچىدە قاتاردا ھەربىي بازار قۇرۇشنى پىلانلىدى
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوش ئوقۇش تەۋەلىكىنى يال…
      ·بېيجىڭدا 2017-يىلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى باشلىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلمىغان ئوقۇغۇچىلارنى ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا بىردەك قوبۇل قىلماسلىقنى …
      ·«ھەمكارلىق پىلانى»دىكى 14 سەنئەت تۈرىدىكى مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·گۇاڭشىدا 2019-يىلدىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن دەپ ئايرىلمايدۇ
      ·شىنجاڭلىق ئۆز خىراجىتى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلارغا مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى …